• شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش(6)

    يوللانغان ۋاقتى:25-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    مىللىيسىمۋوللار كىشىلەرنى ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە رو

    مىللىيسىمۋوللار كىشىلەرنى ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە رولغا ئىگەبولىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلار سىمۋول ۋە مۇراسىملارنىڭ رولىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھابېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەقىدە - ئېتىقاد، ھالاللىق، مۇقەددەس سىمۋول، مۇراسىم ۋە ئەخلاقنىڭ مۇھىم رولىغا سەل قارالسا ياكى ئۇلارنىڭ قىممىتى چىن ماھىيىتى بىلەن چۈشىنىلمىسە، مىللىي ھايات پۇچەكلىشىپ، مىللىي مەدەنىيەت (كۈلتۈر) زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر ئەدىب ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مىللىيسىمۋوللىرىنى چاكىنىلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي گالۋاڭلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق گالۋاڭلىقنى سادىر قىلغۇچى ئۆزى بىلىپ - بىلمەي، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا جەمئىيەتنىڭ پۇچەكلىشىشىگە تۆھپە قوشقان بولىدۇ. چۈنكى، جەمئىيەت پىسخولوگىيەسىنەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، مۇستەقىل تەپەككۇر قابىلىيىتى ۋە پەرق ئېتىشئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ئەگىشىش پىسخىكىسى ۋە ئۆرنەك ئېلىش پىسخىكىسى بويىچەياشايدۇ. ئۇلار ئۆرنەك قىلغۇدەك ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىپ، ياشاش ئۇسۇلىدا شۇ ئۆرنەكنىھەرىكەت قېلىپى قىلىپ تەتبىقلايدۇ. نەسىرىدىن ئەپەندىدەك بىر مىللىي سىمۋولنىڭئوبرازىنى تۇرمۇشتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان، شاللاق، قىلىقلىرى غەلىتە، كۆڭۈل خۇشلۇقىنى دەپ ئەسكى ئىشلارنى قىلىۋېرىدىغان ئەبلەخ سۈپىتىدە تەسۋىرلەش ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق ئۆرنەك ئوبراز، ئۆرنەك خاراكتېر، ئۆرنەك ھەرىكەت ياراتقانلىقھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ناچار ئۆرنەك يارىتىش پاسسىپ ئىجتىمائىي نەتىجە پەيدا قىلىپ، مىللەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىغا ۋە ئەخلاق ئادەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن كىشىلەر دوراش، ئەگىشىش پىسخىكىسىغا ئىگە بولغاچقا، تەسىرى زور، ئېزىقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە ناچار ئۈلگىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، ناھايىتى ئوڭايلا خاتا قاراش، خاتا ھەرىكەت، خاتا ئۇرۇنۇش ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا، مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن، خاتا ئۆرنەك ياراتقان، ناچار ئۈلگەتىكلىگەن ھەرقانداق كىشى جەمئىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بۇنداق قىلمىش بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىدىنئىبارەت تايىنىدىغان تۈۋرۈكىگە قۇرت چۈشۈرىدۇ! قىممەتلىك ئەخلاق ئادەتلىرىنىچىرىتىدۇ!

    قىممەت قاراش بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئۈچۈن توغرا بىلەن خاتا، ياخشى بىلەن يامانغامۇناسىۋەتلىك ئورتاق ئۆلچەم شەكىللەندۈرگەن ئىدىيە سىستېمىسى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭقىممەت قارىشى شۇ جەمئىيەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە، ھېسسىياتىغا، ئوي - پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئورتاق مايىللىق پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۆز توپىنىڭ قىممەت قارىشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆرنەك ھەرىكەت، ئۆرنەك خاراكتېر، ئۆرنەك ئوبراز يارىتىپ، ئۆز قىلمىشىنىڭ قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنىبىلىشكە قۇربى يەتمەيدىغان ئىجتىمائىي كالۋالىققا سۈكۈت قىلىش ئوخشاشلا مەسئۇلىيەتسىزلىك! ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە ئاقىلانە بىلىشى يوق، نېمىنىھىمايە قىلىپ، نېمىدىن ھەزەر ئەيلەشنى ئاڭقىرالماي ئالىجوقا جۆيلۈپ ياشايدىغان ئىچى كاۋاك ئەدىبلەر، مۇھەررىرلەر ياكى زىيالىيلار بۇ مەسىلىدە قاتتىق ھوشيار بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىشى لازىم. ناچار ئۆرنەك، پاسسىپ قاراش، خالىخۇتتائىدىيە، بىنورمال ئوبرازلار سەگەك ئەقىل، ساغلام قىممەت قاراشنىڭ پەرقلەندۈرۈشىدىنئۆتمىسە بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە ئۆزلىشىپ كېتىدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭقەلىمى ئاستىدا نەسرىدىن ئەپەندىدىن ئىبارەت مۇقەددەس سىمۋول ئېزىتقۇ سىمۋولغائايلاندۇرۇلۇپ، نەشرىيات ئارقىلىق مەتبۇئاتلىشىپ جەمئىيەتكە چىقىپ كەتتى. بۇ بىرپۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قىلىنغان زىيانكەشلىك!

    بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى تەسىرى زور ئايال يازغۇچى تيې نىڭ «ھاياتلىق بىلەن تىنچلىق بىر - بىرىگە ئاشىق» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتقاندەك «دەۋرنىڭ بارغانسېرى شاللاقلىشىپ كېتىشى بىلەن بەزى كىشىلەردە مەسىلىلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغان ساداقەت مەنزىلى قالمىدى.» نەتىجىدە، قىممەت قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتە كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىش كۈچەيدى. خىزمەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنىڭ مەنىسى تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ بىلەن روھىي قىممەتلەر ۋە مەنىۋى قىممەتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. كۈلكە - چاقچاقچىلىق، لەتىپە - يۇمۇرچىلىق جاھاننى بىر ئالدى. مەزمۇنىنىڭ قانچىلىكتېتىقسىز بولۇشى نەزەرگە ئېلىنمايدىغان بولدى. مانا مۇشۇنداق بىنورمال ئىجتىمائىيكەيپىياتنىڭ تەسىرىدە بەلكىم، يازغۇچى ئەسىرىنى قىزىقارلىق قىلماقچى بولۇپ، نەشرىيات خادىملىرىمۇ قىزىقچىلىق ھېس قىلىپ بۇ ئېغىر خاتالىقنى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنى بىلىش لازىمكى، مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي مىزانلىرىغا، ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىغا ۋە ساغلام ئەخلاقىي ئادەتلىرىگە سىغمايدىغان ئىدىيە، قاراش، تەشەببۇس، ھەرىكەت ئۆرنىكى قاتارلىقلارنى قىزىقچىلىق دەپ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك! ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ياشاش پىرىنسىپلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان يات ئىدىيە، يات ئادەت ۋە يات سىمۋوللارنىڭھەر خىل يوللار بىلەن يىلدىن - يىلغا يامراپ كېتىۋاتقانلىقىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى قىيىنلىشىپ،زور مىللىي كىرىزىس سۈپىتىدە گەۋدىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا مىللىيمەدەنىيەت قەسرىنى مەينەتلەشتۈرىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق رەددىيە بەرمەي بولمايدۇ. رۇسىيە يازغۇچىسى لېئونىد سولوۋيوفتىن ئۆرنەك ئېلىپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ دېپىغا خۇدىنى بىلمەي ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆز خەلقىنىڭ مۇقەددەس مىللىي سىمۋولىنىبولۇشىچە دەپسەندە قىلغان بۇ يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مەينەتلەشتۈرۈۋېتىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازى يەنە قانچىلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭقەلبىنى كىرلەشتۈرەر؟!

    2011    - يىلى 10 - ئاينىڭ باشلىرى يېزىلدى.

    نەقىل مەنبەلىرى:

    [1] جاڭ خۇي: «كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى ۋە بۈگۈنكى جۇڭگو مەدەنىيەت ئوبزورچىلىقى»، «ئەدەبىيات ئوبزورى» (文学评论) ژۇرنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 2 - سانى.

    [2] ساۋ چۈنچىڭ: «مەدەنىيەت ھەم نەزەرىيەدىكى ئافازىيە كېسىلى ۋە كۈلتۈرەل كېسەللىكھالىتى»، «ئەدەبىيات - سەنئەت مۇنازىرىسى» ژۇرنىلىنىڭ 1996 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.

    [3] «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر قامۇسى» ناملىق بۇ تۆت توملۇق كىتاب، 1998 - يىلى جيېجياڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 2008 - يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىبۇ قامۇسنى ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە تىل - يېزىققا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان. بۇنەقىل ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىن ئېلىندى.

    [4] فىكرەت تۈركمەن (تۈركىيە «شەرق تېمىلىرىنىڭ رۇس ئەدەبىياتىدا تەسۋىرلىنىشى»، «دۇنيا ئەدەبىياتى»، 2009 - يىلى 4 - سان.

    [5] ئېدۋارد سەئىد (ئامېرىكا «شەرقشۇناسلىق» (东方学)، ئۈچ بىرلەشمە نەشرىياتى نەشرى، 2009 - يىلى 6 - ئاي بېيجىڭ 5 - باسمىسى، خەنزۇچە، 10 - بەت.

    [6] زىيائۇددىن ساردېر (ئەنگلىيە «شەرقچىلىق» (东方主义)، جىلىن خەلق نەشرىياتى، 2005 - يىلى نەشرى، خەنزۇچە، 3 - بەت.

    [7] شىللېر شىۋارتىز (ئامېرىكا «يېڭى ئەسىر − مۇتەپەككۇرلار ساداسى»، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2004 - يىلى نەشرى، 36 - بەت.

    [8] ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق: «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 1 - سانى.

    تارىم ژورنىلى 2012-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى،
     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار