ئەختەم ئۆمەرنىڭ بۇ ئاتالمىش ئەسىرىدە سادىر قىلغان ئەڭ ئېغىر خاتالىقى، سەئىدىيەخانلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە يېزىلغان پادىشاھنى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە دۆت، ئەخمەق، ئىقتىدارسىز تەسۋىرلىگەنلىكىلا بولۇپ قالماستىن، مۇھىمى نەسرىدىنئەپەندىنى ئۇچىغا چىققان بۇزۇق قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىدۇر. مانا بۇ ئۇنىڭ بۇئەسەردە ئىپادىلىگەن قەتئىي كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئەڭ ئېغىر خاتالىقىھېسابلىنىدۇ. بۇ مىللىي مەدەنىيەتكە قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك ۋە مىللىيسىمۋولغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرگە قىلىنغان زىيانكەشلىك! بەلكىم بەزىلەر ئەھۋال شۇنچە يامانمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى شۇ دەرىجىدە ئېغىرمۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. مەن بۇنداق قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن كەچۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە يېتەرلىك نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى تولۇق قايىل قىلىشقا تىرىشىمەن. ئادەتتە، ئىلمىييېزىقچىلىقتا بىرەر نۇقتىئىنەزەرنى ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قويماي ئەمەلىي پاكىت ۋە نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن يورۇتۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق تەلەپكە يەتمىسە قايىلقىلىش كۈچى يوق ھېسسىي يازما بولۇپ قالىدۇ. ئالدى بىلەن پاكىت نۇقتىسىدىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسرىدىن ئەپەندىسىنى بىر كۆرۈپ باقايلى: «ئېشەك پەرۋاسىزمەززە قىلىپ سۇ ئىچىۋاتاتتى، شۇئان ئەپەندىم سۇدا بىر پەرىنىڭ سىيماسىنى كۆردى - دە، ھاياجانلىنىپ ئېرىققا قول سوزۇپ ئېتىلدى، شۇئان دۈم چۈشتى، رۇسلىنىپ قارىسا، پەرى يوق، ئارقىدىن ئالتۇن قوڭغۇراقتەك چىرايلىق، ئەمما ئىنتايىن بوش كۈلكە ئاۋازى چىقتى.»(33- بەت) «ئەپەندىم دەرھال چۈمبەللىك ئايالنى قولىدىن تارتىپ ئەنجۈر ئارىسىغا كىرىپ يوشۇرۇۋالدى. − گەپ قىلماڭ، خەلىچىخان، پۈتكۈل دۇنيانى ئۇنتۇپ قالساممۇ، سىزنى ئۇنتۇيالمايمەن، − دېدى.» (47- بەت) «ئەپەندىمنىڭخوتۇنى يوغان خېمىر دېسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. دەل شۇ چاغدا ئەپەندىمنىڭقوشنىسىنىڭ خوتۇنى پاتەمخان ئۆگزىسىگە كىر يايغىلى چىقىپ ناخشا غىڭشىپ، ئەپەندىمنىڭ ھويلىسىغا قارىدى. ئەپەندىم ناخشىنى ئاڭلاپ، بۇرۇتلىرىنى تولغاپ قاش ئاتتى. پاتەمخان ئەپەندىمنى كۆرۈپ ناز - كەرەشمە بىلەن قاش - كۆزلىرىنى ئوينىتىپ سالام قىلدى: − ئەسسالام، ئەپەندىم، بارمۇسىلە، كۆزدىن ئۇچۇپلا كەتتىلىغۇ، سىلىنى كۆرمەي، كۆزگە سۈرتكۈدەك بولدۇق جۇمۇ. − بولمامدىغان، خېنىم، بولغاچقا ئۆزلىرىگە تويماي قاراۋاتمامدىمەن، − دېدى ئەپەندىم. − ھېلىمۇسۈرتمىدىلە، − دېدى پاتەمخان، − تاش يۈرەككەنلا، قاچانغىچە سۈرتمەيلىكىن، خېلىكۈنلەر بولدى، كۆرمىدىم.» (53- بەت) «ئەپەندىمقوينىدىن ئون تىللانى چىقىرىپ پاتەمخاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: − بۇ پۇلنىئېلىپ مېنىڭ ئېتىمغا مىنگىشىپ ماڭا بىركۈن ھەمراھ بولۇڭ، − دېدى.» (85- بەت) «ئەپەندىم دېگەن قېلىن ئوغرى بولمامدۇ، − دېدى تىللاخان. − ۋاييەي، ئەپەندىمنى ھەققانىي دېسەك، قېرىغاندا ئىتنىڭ تېزىكىدەك ئىش قىپتىغۇ!؟ − دېدى تۇراخان.» (117- بەت) «ئەمىسە ساتمىدا بىر كېچە ئۇچامنى تۇتىسىز! ئەپەندىمشۇنداق دېگىنىچە قەمبەرخاننى قولىدىن يېتىلەپ ساتمىغا كېلىپ تۇرۇشىغا، يەنە بىرتەرەپ شاراقلىدى. ئەپەندىم يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ چوكاننى تۇتۇۋېلىپ ساتمىغا سۆرەپ كەلدى، بۇ تۇراخان ئىدى. تۇراخاننى ساتما ئىشىكىدىن كىرگۈزۈپ تۇرۇشىغا يەنە بىرتەرەپتىن شاراقلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. شۇنداق قىلىپ ئەپەندىم تۆتىنچى چوكاننى ساتمائىشىكىدىن سۆرەپ ئەكىرىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ساتمىدىن كۇسار بىلەن قېچىپ چىقىپ ۋارقىرىدى.» (119- بەت) «خاسىيەتخان ئەپەندىمگە: − ئوھۇش، قويسىلا ئەپەندىم، سىلىنى، پوشكالخانا ئاچقاننىڭ ياقى كارغا يارىمايدىغان بولۇپ كەتتىلە. يەنە مۇشۇنداق ساقلىتىدىغان بولسىلىزە، ئاستا كۆتلىرىگە تېپىپ، مەسە - كالاچلىرىنى قولتۇقلىرىغا قىستۇرۇپ ئىككىنچى مەن تەرەپكە ئالدىلىرىنى قىلىپ كېلىپقالمىسىلا، دەپ تالاق قىلىۋېتىمەن، جۇمۇ، − دەپ ئەركىلەش ھەم باتناش بىلەن كايىدى.» (124- بەت) «− ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خوجا نەسرىدىن ئەپەندىم! ئۆزلىرى بىلەن ئايرىم دىدارلاشماقنى تايىن قىلىپچاقىردىم. ئۇزاق بولدى، ئايرىم زىكىر - سۆھبەتلىرىدىن مەھرۇم قالدىم، ھەممىڭلار چىقىپ كېتىڭلار. خانىشنىڭبۇيرۇقى بىلەن بارلىق كېنىزەك، ئاغۋاتلار تەزىم بىلەن ئارقىچە مېڭىپ چىقىپ كەتتى.» (132- بەت) «ئەپەندىمشۇنداق دەپ خانىشنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.» (136- بەت) «− ئەپەندىمئاكا، قېرىغاندىمۇ نومۇسنى بىلمەيدىكەنسىز. چاقچاقنى قويۇپ مېنىڭ غېمىمنى ئاڭلاپ قويسىڭىزچۇ؟ − دېدى تۇل چوكان.» (172- بەت) مانابۇ ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەسۋا نەسرىدىن ئەپەندى! ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمىدە تەسۋىرلەنگەن نەسرىدىن ئەپەندىنى «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر قامۇسى»دا تەرىپلەنگەن نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىغا سېلىشتۇرۇشقا ئادەم نومۇس قىلىدۇ. چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە نەسرىدىن ئەپەندى جۇڭگو مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. ئۇيغۇر يازغۇچىسى بولغان، ئۆزىنى «راست ئىشلارنى يازىمەن» دەپ تونۇيدىغان ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى بولغان نەسرىدىن ئەپەندىنىبۇنداق دەپسەندە قىلىشى كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت مىللەتپەرۋەرلىكىنى ئويغىتىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىجتىمائىي ئېھتىياج بولۇۋاتقان بۈگۈنكى شارائىتتا ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي سىمۋولىنى مەينەتلەشتۈرۈپ سېنارىيە يېزىشئىقتىسادىي ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈش ھاجەتكى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسىرىدىكى نەسرىدىن ئەپەندى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ئەدىبلەرنىڭ نەزىرىدىكى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى نەسرىدىن ئەپەندىمدىنتامامەن پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىسى ئابدۇكېرىم رەھمان «ئىككى قېتىملىق ھاسىلات» ناملىقماقالىسىدە ۋە ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتچىسى ئوسمان ئىسمائىل تارىم «ئۇيغۇر خەلقئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: «نەسرىدىنئەپەندى تارىختا ياشاپ ئۆتكەن رېئال شەخستۇر. ئۇ مىلادىيە 1208 - يىلى تۈركىيەنىڭئاقشەھىرىگە قاراشلىق فورتۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدە ئۇقۇمۇشلۇق دادىسىئابدۇللادىن بىلىم ئالغان. چوڭ بولغاندا سەرۋىھسار مەدرىسەدە ئوقۇغان ۋە فورتۇدا بىر مەزگىل ئىمام بولغان. كېيىن ئۆز ۋاقتىدىكى داڭلىق مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى بولغان كۇنياغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەدرىسەدە بىلىم ئالغان. 1237- يىلى ئاقشەھىرى جامەسىنىڭ مۇدەررىسى بولغان. ئۇ مىلادىيە 1284 - يىلى ئاقشەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە شۇ يەردىكى سۇلتان تېغى باغرىغا دەپىن قىلىنغان. ئۇنىڭ مەرمەردىن ياسالغان ھەيۋەتلىك مەقبەرىسى ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.» يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ئەكبەر غۇلام «بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز مەشرىپى 2011» دېگەن سەنئەت كېچىلىكىدە سۆزلىگەن سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «نەسرىدىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخس.» ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى نەسرىدىن ئەپەندىنى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بىلەلمىگەن سوئاللىرىغا، يېشەلمىگەن مەسىلىلىرىگە توغرا جاۋاب بېرەلەيدىغان دانىشمەن، دەپ بىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ لەتىپىلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىقشەكىللەندۈرگەن تەسىرات بويىچە «ئىلگىرىكى زامانلاردا ئۆتكەن پاراسەتلىك قىزىقچى» دەپ بىلىدۇ. ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەزەلدىن ئەقىل - پاراسەتلىك ۋە خەلقچىل قىزىقچى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كېلىۋاتقان نەسرىدىن ئەپەندىنى لېئونىد سولوۋيوفتىن ئاشۇرۇپ رەسۋالاشتۇرۇۋېتىشىكەچۈرگۈسىز ئېغىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ دېيىشىمىزدىكى سەۋەب مۇشۇ يەردە. بۇنى بىز مەركىزىي مىلەتلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جەمئىيەتشۇناس دوكتور ئابۇرەشىدجەلىل قارلۇقنىڭ بايانىدىن چىقىپ تۇرۇپ خاراكتېرلىسەك تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈلتۈرەل ئۈزۈكلۈك ھادىسىسى» دېگەن ئېسىل ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «كۈلتۈر بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ناھايىتىمۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چۈنكى، كۈلتۈرنى شەكىللەندۈرگەن تىل، ئەقىدىلەر، قىممەت قاراش، سەنئەت، ئەىلاق، ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنە ۋە سىمۋوللار بىر جەمئىيەتنى يەنەبىر جەمئىيەتتىن ئايرىيدىغان، <بىز> ۋە <ئۇلار> ئارىسىدىكى چېگرانىئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغان، بىزنى بىز قىلغان قىممەتلەرنىڭ تامامىدۇر. [8] » بىزئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ بايانىدىكى ھەقىقەتنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بايان قىلساق، كۈلتۈر يەنى مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جېنى. مىللىي سىمۋول قاتارلىقلار ئۇنىڭ مەزمۇنىنىتەشكىل قىلىدۇ. ئۇ بىزنى مىللىي خاسلىققا ۋە مىللىي پەرققە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا ئۇيۈكسەك قىممەتكە ئىگە ھەم مۇقەددەس، دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. بىر مىللەتنى باشقامىللەتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي سىمۋول ھېسابلىنىدۇ. تارىخىيسەۋەبلەرگە كۆرە بىر قىسىم مىللىي سىمۋوللار بىرنەچچە مىللەت ئۈچۈن ئورتاقلىققىمۇئىگە بولىدۇ. مىللىي سىمۋول سىستېمىسى ئىچىدە بىر مىللەتنىڭ تارىخىدىكى مىللىيقەھرىمانلار، مىللىي مۇتەپەككۇرلار ۋە مىللىي داھىيلارمۇ شۇ مىللەت ئۈچۈن مۇقەددەس مەنىگە ئىگە مىللىي سىمۋوللار ھېسابلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئوغۇزخان، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي، ئەلىشىر نەۋايى، نەسرىدىن ئەپەندى قاتارلىق ئۇلۇغلىرىمىز سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە مەشھۇر شەخسلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. |


