• «ئامەت ۋە ئاپەت»رومانى ھەققىدە بىر نەچچە سۆز(6)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    بۇ خىل تۇيغۇمۇ ئەلۋەتتە قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە خاس.ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۈنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا ئىش قىلغانلىق
    بۇ خىل تۇيغۇمۇ ئەلۋەتتە قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە خاس.ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۈنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا ئىش قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغان كەيپىياتتا بۇ ئاۋاز بالىلار ناخشىسىدەك ئاڭلانسا توغرا بولاتتى.
    قەھرىماننىڭ ئوغلى قەيسەرنىڭ دادىسىغا دىگەن سۆزلىرىمۇ 9ياشلىق بالىنىڭ سۆزى ئەمەس ،ئۇمۇ دادىسىغا ئوخشاشلا تەپەككۇرى بالدۇر يىتىلىپ قالغانلار تىپىغا مەنسۇپ بولۇپ قالغان. ئانىسىنىڭ ئۇۋالچىلىقلىرى،بوۋىسىنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى كىچىك بالا تىلىدىمۇ چۈشىنىشلىك بايان قىلغلى بولاتتى.بىراق ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاياغ-ئاستى قىلىنىش،دورا ئىچۈرۈپ مەسىت قىلىنىشقا ئالاقىدار تەپسىلاتلار چوڭ ئادەم تىلىدىن بېرىلگەن.
    3) يازغۇچىنىڭ بۇرۇنقى رومانلىرىغا ئوخشاشلا بۇ روماندىمۇ يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدىكى كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىگە «ئارىلىشىۋېلىش» ئادىتى كۆرۈلگەن.يەنى روماننىڭ بىر قىسىم بۆلەك ئاخىرىلىرى ياكى يېڭى ۋەقەلىك باشلىنىدىغان قىسىملىرىدا،ئاپتورنىڭ ھاياجانلىرى قېتىلىپ كېتىپ،ئۆزىنى باسالماي ئۆزى ياراتقان شەخىسلەرگە خىتاپ قىلغان.
    مەسىلەن 1-توم 342-بەتتە :
    ...ئەي،قەلىمىمنىڭ ئابىزەمزەم شەربەتلىرىدىن قۇدرەت كامال تاپقان قەدىردان،قولۇڭدىكىنى تاشلا،دەرھال تاشلا!تاشلىۋەت...
    2-توم 588-بەتتە :
    كۆرۈڭ بۇ ئائىلنى! ئۇلار مۇشۇنداق«سېنىڭ،مېنىڭ، يىدىڭ-ئىچتىڭ» دەيدىغان ئاتا-بالىلارمىدى؟.........ھەيھات ! خىروئىن دىگەن بۇ بىر نىمىنىڭ ئىپلاسلىقى چەككەن ئادەم بىلەنلا چەكلەنمەي،....
    قىسقىسى ،تۇققانلار ،يارۇ – بۇرادەرلەر ،يېقىن دوسىتلار ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا كۈشەندىلىك ئۇرۇقىنى چاچىدىكەن.
    2-توم 654-بەتتە:
    ئەي جانابىي ئاللا،ئابابەكرىمۇ سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ تىزىملىكىدە بارمۇ؟!ئۇنى سەن ئىككى مۇسۇلماننىڭ پۇشتىدىن ياراتقانمۇ؟....
    توۋا بۇ لەنىتى بىر يىللىرى ئاق كۆڭۈل،كۆيۈمچان ،سەمىيمىي بىر ئاتا ئەمەسمىدى!ئەمدىلىكتە بىر ئىمانسىز مەخلۇققا ئايلاندىغۇ!........
    دىگەن قۇرلار بار.



    ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار