-
ستۇدېنتلارمۇ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2009/06/18
ستۇدېنتلارمۇ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹ستۇدېنتلارنى شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈشنى سىناق قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، 2009 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ستۇدېنتلار شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدىكەن. سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ستۇدېنتلار ئۆزى ئىختىيار قىلىش ۋە تۇرۇشلۇق جاي باشقۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، مەكتەپنى بىرلىك قىلغان ھالدا شۇ يەردىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيەتلىرىنى بىر تۇتاش بېجىرسە بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ستۇدېنتلارنىڭ شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان ھەم ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئادەتتىكى ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى قوبۇل قىلىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ماگىستىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار كېسەلخانىدا داۋالانغاندا ۋە ئامبۇلاتورىيىدە چوڭ كېسەل كۆرسەتكەندە بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى داۋالىنىش ھەققىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 220 مىڭدىن ئارتۇق(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ستۇدېنت بۇ يېڭى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشىدىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى داۋالىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ستۇدېنتلار شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا، شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش چارىسى يولغا قويۇلىدۇ، شۇ يەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ھەر بىر ئوقۇغۇچى يىلىغا 20 يۈەن تاپشۇرىدۇ، مەركەز مالىيىسى يەرلىك ئالىي مەكتەپ ستۇدېنتلىرىغا شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى چارىسى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيىسى ۋە جايلار مالىيىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى سىياسىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇلى بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا بىر تۇتاش كىرگۈزىدۇ. ستۇدېنتلار تاپشۇرىدىغان ھەقنى پرىنسىپ جەھەتتىن ئۆزى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، شارائىتى يار بەرگەن ئالىي مەكتەپلەر ھەق تاپشۇرۇشتا قىيىنچىلىقى بار ستۇدېنتلارغا ياردەم پۇلى بەرسە بولىدۇ››.
2009- 02- 06 شىنجاڭ گېزىتى
<< ئەمگەك توختامى بىكارقىلنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانداق مەجبۇرىيەتنى ئۆتىشى كېرەك؟ | باش بەت | ئاياللار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك سۇغۇرتا بىلىملىرى >>

评论