-
ئەمگەك توختامى بىكارقىلنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانداق مەجبۇرىيەتنى ئۆتىشى كېرەك؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2009/06/18
ئەمگەك توختامى بىكارقىلنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانداق مەجبۇرىيەتنى ئۆتىشى كېرەك؟
<< ئەمگەك توختام قانۇن>> نىڭ 50-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەمگەك توختامى بىكارقىلنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامى بىكارقىلنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى، ھەم 15كۈن ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئارخىپ ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىشى ، ئەمگەكچىگە ئىقدىسادى تۇلۇقلىما بىرىشكە تىگىشلىكلىرى، خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىدا بېرىشى لازىم ؛ بىكارقىلنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغان ئەمگەك توختامىنى ، ئاز بولغاندىمۇ 2يىل ساقلىشى كېرەك.
