ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزىمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا
پىلانلىق ئىگىلىك يولغا قۇيۇلغان مەزگىللەردە دۆلەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈستىگە ئالاتتى. ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئۇسۇللار قوللىنىلدى. ئىجتىمائىي سۇرغۇرتا، پاراۋانلىق مەسىلىلىرىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بىراق سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىش، تەربىيىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر شەخسىلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ئالدىن بېيىغانلار بىلەن بىيىمىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى چوڭىيىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان پىكىر- تەلەپلىرى كۆپەيدى. ئىجتىمائىي سۈغۇرتىنى قانۇنلاشتۇرۇش، دېموكراتىك باشقۇرۇش مەسىلىسى كىشىلەر دائىم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
ئىجتىمائىي سۈغۇرتا تۈزىمى جەمئىيەت ئەزالىرى قېرىغان، كېسەل بولغان، يارىدار بولغان، مېيىپ بولغان، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە پۇرسىتىدىن ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىلغان، ئالغان دارامىتى تۈرمۇشىنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، ھۆكۈمەت ياكى جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۇلارغا تۇرمۇش كاپالىتى بېرىدىغان بىر خىل تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈزۈم دۆلەت، كارخانا ۋە شەخستىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مۇاسىۋىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىن ئىبارەت تەقسىمات شەكىللىرى ئارقىلىق تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتقانلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بەھرىمان قىلىدۇ.
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش- ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئەمگەك كۈچلىرى يېڭىدىن تۇغۇلۇش، ئۆلۈش، قېرىش، كېسەل- مېيىپ بولۇپ قېلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش ئەھۋاللىرى ھەممىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشسىز قېلىش، بازار داۋالغۇشى، پۇل پاخاللىقى قاتارلىق ئىجتىمائىي خېيىمخەتەرلەر شەخسنىڭ ياكى كارخانىنىڭ ھەل قىلىش ئىقتىدارىدىن ھالقىغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت ئەزالىرى تەبىئىي ۋە ئىجىتمائى خېيىمخەتەرگە دۇچ كېلىپ، كىرىمى ئازلاپ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئىختمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئارقىلىق جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ماددىي ياردەمگە ئېرىشىشىگە توغرا كېلىدۇ.
ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئوبىيكتىپ تەلىپى. ئۇ بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقنى قوغداشنىڭ مۇھىم شەرتى. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئىقتىدارلىقلار غەلىبە قىلىش، ئىقتىدارسىزلار شاللىنىشتىن ئىبارەت رىقابەت مېخانىزمى كارخانا ۋە ئەمگەكچىلەرنى ھەم پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ ھەم خىيىمخەتەرگە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، بازارنىڭ سىرتىدا بازار تەقسىماتىدىكى كەمچىلىكلەرنى تولۇقلايدىغان بىر خىل ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ھازىرقى زامان ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم شەرتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىجتىمائى ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمى- ئىجتىمائى دارامەت تەقسىماتى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ئۇ پۈتۈن جەمئىيەت دائىرىسىدە مىللىي دارامەتنى قايتا تەقسىم قىلىشنى تەڭشەش ئارقىلىق تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار بىر قىسىم جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ماددىي ياردەمگە ئىگە قىلىدۇ.
ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇرەككەپ سېستىما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە بۇ جەھەتتە پائال ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈپ تەلىپى. بۇ تەلەپكە يېتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك:
بىرىنچى، ئىجتىمائى سۇغۇرتىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش لازىم. بۇ ئىجتىمائى سۇغۇرتىنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسى. پەقەت تۈرلۈك سۇغۇرتىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىغا ئۇيغۇن بولغان سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورناتقىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىگە تۈرتكە بولۇش لازىم. ئىجتىمائى سۇغۇرتا، بولۇپمۇ ياشانغانلارنى بېقىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەنئەنىۋىي ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىجتىمائى سۇغۇرتىنىڭ رولىنى يەنىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائى سۇغۇرتا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم.
ئۈچىنچى، ئىجتىمائى سۇغۇرتىنى باشقۇرۇشتا، مەمۇرىي ۋاستە ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىشنى قانۇنىي ۋاستە ئارقىلىق باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىش لازىم.
تۆتىنچى، ئەنئەنىۋىي سۇغۇرتا شەكلىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، قوشنىلار ئارا ياردەم قىلىش، ئامما ئۆزئارا ياردەم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ سۇغۇرتا ئىشلىرىدىكى رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش لازىم.
سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش- ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. مۇكەممەل ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمى بولمىسا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈكسىلىشى تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ماس كېلىدىغان ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.