بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك يارىتىشتا 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ - [ئىگلىك تىكلەشكە دائىر سىياسەتل]

    2009/05/08

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىك يارىتىشتا 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ



    «ئاممىۋى كەسپىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان،ئۆزى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار،ئۆزى تەييارلىغان مەبلىغى يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا،50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن كېپىللىك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىرلىشىپ ۋە گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئىش قىلىدىغانلارغا بەلگىلىمىگە ئاساسەن قەرز پۇل دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ بەرسە بولىدۇ».
    ئوبلاستلىق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ جېڭجېي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن كىچىك پايدىلىق تۈرلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا،بەلگىلىمىگە ئاساسەن قەرەللىك چەڭ ئۆسۈمى ياردىمىدىن بەھىرلەنسە بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەشكە قاتناشسا،بەلگىلىمىگە ئاساسەن كەسىپ بويىچە تەربىيىلىنىش قوشۇمچە يارەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىگىلىك تىكلەشتىكى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ،سىياسەت بويىچە مەسلىھەت بېرىش،تۈرلەرنى يولغا قويۇش،ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلەش،ئاز سوممىلىق قەرز بىلەن تىجارەت باشلاش بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش،ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىشتىكى «ئۇزۇن سەپ» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
    يېڭى تىپتىكى يېزىلار بىلەن بىرلىشىپ داۋالاش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،مەخسۇس كۇرس مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق،يېزا دەرىجىلىك داۋالاش- سەھىيە قوشۇنىنى تولۇقلاش لازىم. مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن يېزا دەرىجىلىك سەھىيە- داۋالاش تارماقلىرىغا لاياقەتلىك داۋالاش خادىملىرىنى ئاجرىتىپ،شۇ جايدىكى مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپ يۆنىلىشلىك تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىپ،مۇۋاپىق كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن،يېزا دەرىجىلىك سەھىيە- داۋالاش تارماقلىرىدا سەھىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئاجرىتىشى لازىم. قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىپ،مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،ئۇلارنى خەنزۇ تىلى ئارقىلىق تەربىيىلەشكە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ،تەييارلىق سىنىپ،باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ تىلى مائارىپىدىكى مۇھىم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.

    分享到:
    خەتكۈچ:

    评论

  • سىز ئالدى بىلەن تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئەمگەك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ، ئۇلارسىزگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەرگەب دىن كىيىن بانكىغا بارىسىز،ئادەتتە ئەمگەك تارماقلىرى 15كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بىرىدۇ، بانكا30كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بۇلۇدۇ.
  • سىز ئالدى بىلەن تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئەمگەك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ، ئۇلارسىزگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەرگەب دىن كىيىن بانكىغا بارىسىز،ئادەتتە ئەمگەك تارماقلىرى 15كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بىرىدۇ، بانكا30كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بۇلۇدۇ.

  • man  ali  maktapni putturgandin  kiyin hezmat tapalmidim .toi kilgandin kiyin pul jahatta bak kilinip  kaldim .karez  elep  oz aldimga ix kilai digan .birak  nadin kare z  elxni  kandak  elxni bilalmidim .manga  yol korsatkan  bolsingz ?
    wulkan回复abdugeni说:
    mining @@284605196 muxu arkilik /flfkilixayli.
    2009-06-02 21:49:12
1056551709QQ