بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئىشقا - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]

    2009/05/08

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگوڭتىڭى ھۆججىتى

    ش ھ ب 〔2008〕 72 - نومۇرلۇق  

     

    ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئىشقا
    ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى
    ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش چارىسىنى تەڭشەش
    توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

     

     

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

        ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 12 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىن خاتىرىسى (1) (ش پ د 〔2008〕 12 - نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:
    1. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى ئېلىش چارىسى «قوش ئېلىش» تىن «يەككە ئېلىش» ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىلدى، يەنى 2008 - يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ئالدىنقى يىللىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئامانەت قالدۇقىنى تۈپ سان قىلىش ئاساسىدا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ۋاقتىنچە %10 لىك نىسبەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىشىسىزلىق سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار %15 لىك نىسبەت بويىچە ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى ئېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتىگە قوشۇۋېتىدۇ.
    2. 2008 - يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن شىنجاڭ نېفىت ئىدارىسى، تۇرپان -- قۇمۇل نېفىت چارلاش - ئېچىش قوماندانلىق شتابى ۋە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «2 ئىدارە بىر شتاب» دېيىلىدۇ) باشقۇرۇپ يىغىۋاتقان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى باشقۇرىدۇ، ھەممىسى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەخسۇس سچوتىغا كىرىدۇ. «2 ئىدارە بىر شتاب» كەسپىي تەربىيىلەش، كەسىپكە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتىنى ئاپتونوم رايوندىن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئاپتونوم رايون ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
    3. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى تەڭشەش مەبلىغىدىنمۇ يۇقىرىقى تۈپ سان ۋە نىسبەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى ئېلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتىگە قوشۇۋېتىلىپ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ۋە قىيىنچىلىقى بار جايلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ). ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى جايلارنىڭ ئىشسىزلىق فوندى يىغىش - تاپشۇرۇش، قالغاننى نەقلەشتۈرۈش ۋە مەبلەغ ئېھتىياجى قاتارلىقلارغا قاراپ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرگە پرىنسىپ جەھەتتىن تەڭشەپ بېرىلمەيدۇ.
    4. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن ئېلىنغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەبلىغى ئاساسلىقى ئىشسىزلارنى كەسىپ جەھەتتە تەربىيىلەش، كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، كەسپىي ماھارىتىنى باھالاش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورنى ۋە ئالاھىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە ياردەم پۇل بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قەرزىنىڭ ئۆسۈمىنى كۆتۈرۈش ھەمدە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە ياردەم بېرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
    5. بۇ ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشسزلىق سۇغۇرتا فوندىسى ئارقىلىق ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىناق چارىسى» (ش ھ 〔2005〕 30 - نومۇرلۇق) نىڭ 3 - ماددىسى ئىجرا قىلىنمايدۇ.

     


                                                                                                   2008 - يىل 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى

     

     

     

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ