بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئوقۇشنى تاماملىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]

    2009/05/08

    مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا ئالىي مەكتەپنى   پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئامالنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن 2 – ئاپرېل مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ دېجياڭ يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە رايونلار، ئالاقىدار ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تۇلۇق تونۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پۇختا ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئامالنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ئامالنىڭ بارىچە ساقلاپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيلىقىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
    جاڭ دېجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2009 – يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشىغا ھازىر ئۈچ ئايدىن كۆپرەكلا ۋاقىت قالدى، بۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جەڭ باسقۇچى. رايونلار، ئالاقىدار ئورۇنلار يوللارنى كېڭەيتىپ، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەت ئاپپاراتلىرى، كەسپي ئورۇنلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوبۇل قىلغان ئادەم سانىنىڭ بۇلتۇرقىدىن ئاز بولماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. مۇھىم تەتقىقات تۈرى ئورۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش ۋە قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئاساسىي قاتلاملارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ۋە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. رايونلار، ئالاقىدار ئورۇنلار ئالاقىدار يانداش سىياسەت ۋە كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى بەلگىلەشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ سىياسەت، چارىلەرنى تېزراق ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى سىياسەتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىكى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى پراكتىكا قىلدۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئائىلە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك

    شىنجاڭ گېزىتى

    分享到:
    خەتكۈچ:

    评论

  • http://www.blogbus.com/tanhaburkut-logs/39069511.html
1056551709QQ