-
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يەتكىلى بولامدۇ؟ - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2009/05/08
2009 – يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يەتكىلى بولامدۇ؟
-ئېلىمىزنىڭ 2009 – يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى شەھەر – بازارلاردا 9 مىليون كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر – بازارلارنىڭ تىزىمدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.6 ئىچىدە تىزگىنلەش. كونا زىددىيەتلەر ھەل بولماي تۇرۇپلا، يېڭى مەسىلىلەر ئارقا – ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتتە، بۇ نىشانغا يەتكىلى بولامدۇ – يوق؟
ئادەم كۈچى بايلىقى – ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يى چېڭجى بۇ ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ››.
ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۆلەك قىلىش كېرەك
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يىتىش ئىشەنچىسى ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن كېلىدۇ.
2008 – يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل، گوۋۇيۈەن ۋە ئادەم كۈچى – ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى قاتارلىق تارماقلار بۇلتۇر 10 – ئايدىن بۇيان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىگە كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قاراتمىلىقى بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يۆلەك بولۇش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن چىقاردى. يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىچە، مالىيە سىياسىتىدىن پۇل سىياسىتىگىچە، مەركەزدىن يەرلىككىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تاماقلارنىڭ مۇھىم خىزمىتىگە ئايلاندى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹2009 – يىلى <سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش،سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش> تەسەۋۋۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈش ئاساسىدا، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنىڭ سىياسەتكە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››.
ئۈچ خىل كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۈچ خىل كىشىلەرنى يەنى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقانلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يى چېڭجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2009 – يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا موھتاج ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر 7 مىليون 100 مىڭ كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تەخمىنەن 6 مىليون 110 مىڭى بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار، 1 مىليونغا يېقىنى ئۆتكەن يىل ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار ئىكەن.
ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا، يى چېڭجى مۇنداق دېدى: ‹‹ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر ئاساسىي قاتلام ۋە ئوتتۇرا، غەربىي رايونغا بېرىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ؛ بەزى ئاساسىي قاتلاملاردا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىدۇ؛ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكىدىن باشقا كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ؛ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر دۆلەت ماكرولۇق تەڭشەيدىغان مۇھىم تۈرلەر، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ؛ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىپ، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئېتىبار سىياسەت، ئىناۋەتلىك قەرز، ئورۇن – جاي جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر ھەقسىز جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ؛ ئائىلىسىدە خېلى قىيىنچىلىقى بار ياكى يېزىدىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىلىدۇ››.
يى چېڭجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەر 220 مىليون بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلار 103 مىليون ئىكەن. 100 مىليونلىغان دېھقان ئىشلەمچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزا ئىگىلىك، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى، ھازىر كارخانىلارئىشلىتىۋاتقان ئادەم سانى ئازىيىۋاتقان ئەھۋالدا، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش تېخىمۇ مۇھىم.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ئېغىر بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ھەر خىل قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلار ۋە ئائىلىسىدە بىرەرسىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا نۇقتىلىق يۆلەشكە موھتاج كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بارلىق كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يى چېڭجى مۇنداق دېدى: ‹‹2009 – يىلى تېخنىكا ئۆگىتىش ۋە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن جايلاردىكى ئەمگەكچىلەر، ئاياللار، مېيىپلەر، ھەربىيدىن قايتقانلار، كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ياخشى ئىشلەش كېرەك››.
جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشنىڭ كاپالىتى
جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەكچى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم جامائەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيىسى.
يى چېڭجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2009 – يىلى ئىش ئورۇنلىرىنى تىرىشىپ كۆپەيتىش كېرەك ئىكەن. كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھازىرقى ئىش ئورنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇلىدىكەن؛ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى ئېچىلىدىكەن؛ گوۋۇيۈەننىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش دېگەن يېتەكچى پىكرىنىڭ روھى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاكتىپ رولى جارى قىلدۇرۇلىدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت ‹‹ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتى››، ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى››، ‹‹باھار شامىلى ھەرىكىتى پائالىيىتى››قاتارلىق مەخسۇس جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرى ئىنچىكە تەشكىللىنىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىينىلىپ قالغانلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2009 – يىلى 1 – پەسىلدىن باشلاپ ئۈچ تۈرلۈك مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن، يەنى يانۋاردا ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىينىلىپ قالغانلار ۋە ئائىلىسىدە بىرەرسىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىكەن؛ فېۋرالدا ‹‹باھار شامىلى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىكەن؛ مارتتا ‹‹پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەر ۋە باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىكەن.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
