-
ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» تارقىتىش چارىسى ئېلان قىلىندى - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2009/05/08
ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» تارقىتىش چارىسى ئېلان قىلىندى
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئېلان قىلغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» تارقىتىشنى باشقۇرۇش چارىسىدە، 2009 - يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشسىزلار «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» گە تايىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارمۇ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» بارلار ئىچىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
ئىگىلىنىشىچە، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئىشسىزلىقنى تىزىملاش ۋە ئىش ئىزدەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر، بازارلاردىكى ئىشسىزلار، شەھەرگە كىرىپ ئىش ئىزدىگەن يېزا ئەمگەكچىلىرىنى تىزىملاش ھەمدە يۆلەش سىياسەتلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئىسپات كىنىشكىسىنى كۆرسىتىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك يېشىدىكى، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەر «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» تارقىتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى مەھەللە ئەمگەك كاپالەت خىزمەت پونكىتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق شەھەر، بازارلاردىكى ئىشسىزلار ۋە شۇ جايدا ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق يېزىدىن شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشسىزلىقنى تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئىشسىزلار ۋە ئىش ئىزدەيدىغانلار ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىزىملاتقاندا، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش تارىخى بولمىغانلار كىملىكى ۋە باشقا ئىناۋەتلىك ئىسپاتلار (دىپلوم، كەسپىي تەربىيىلەش لاياقەتنامىسى، كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسى قاتارلىقلار) نى ئىشقا ئورۇنلىشىش تارىخى بارلار بۇرۇنقى ئىش ئورنى بەرگەن «ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ياكى توختىتىش ئىسپاتنامىسى» نى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. مەھەللە ئەمگەك كاپالەت خىزمەت پونكىتى ئىشسىزلىققا تىزىملاش ۋە ئىش ئىزدەيدىغانلار تولدۇرغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش جەدۋىلى» نى تەكشۈرگەندىن كېيىن كوچا (يېزا، بازار) ئەمگەك كاپالەت ئىش بېجىرىش ئورنىغا ھەقسىز «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» تارقىتىپ بېرىشكە يوللايدۇ.
«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» نى يىللىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. كىنىشكا ئالغانلار كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن ئەسلى كىنىشكە تارقاتقان كوچا (يېزا، بازار) ئەمگەك كاپالەت ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ، يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش كىنىشكىسى» نى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر تۇتاش ئىدارە تۇرۇشلۇق كوچا ئەمگەك كاپالەت ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ، يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەنلەر ئىككىنچى يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا يۆلەش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.
تۆۋەندىكى كىشىلەر ئىشسىزلىققا تىزىملاش دائىرىسىگە كىرىدۇ: 16 ياشقا توشقان، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر؛ كارخانا، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن ئىش ئورنىدىن قالغانلار؛ يەككە تىجارەتچىلەر ياكى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى؛ تىجارىتى توختىغان، ۋەيران بولغان كارخانا ئىگىلىرى؛ ھۆددىگە ئالغان يېرى ئىشلىتىلىۋالغان، شۇ يەرنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار؛ ھەربىيلىكتىن قايتىپ، دۆلەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىغانلار؛مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەر، تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشتىن بىكار قىلىنغانلار؛ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بېكىتكەن باشقا ئىشسىز خادىملار.كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى
