-
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا ئەمگەكچىگەپايدىلق - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2009/05/09
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا ئەمگەكچىگە پايدىلق
«ئەمگەك توختام قانۇنى» نىڭ 14-مادداتۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشمىگەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.. .ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشتى دەپ قارىلىدۇ.
82-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 1 ئايدىن ئاشقان، 1 يىلغا توشمىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا 2 ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچى بىلەن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا 2 ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.
