بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەتىگە چېتىلىدىغان بىر قانچە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەسلىلىرى - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2009/05/11

    ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەتىگە چېتىلىدىغان بىر قانچە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەسلىلىرى

      ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ "12333" تېلىفۇنىدا مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ سانلىق سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تېلىفۇندا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى نەچچە ئون مىڭ قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ كۆپىنچىسى " ئەمگەك توختامى قانۇنى"، " ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى" ۋە ئىجتىمائىي سوغۇرتا جەھەتتىكى ئالاقىدار سىياسەت، ماددىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، يولغا قويۇش داۋامىدا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر.
      قانداق ئەھۋالدا كارخانىغا مۇقىم مۇددىتى بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالاش تەلىپىنى قويۇشقا بولىدۇ؟ ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سەۋەبسىز توختام ئىمزالىمىسا ياكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىۋاستە بىكار قىلىۋەتسە ئەمگەكچى ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟
      مۇقىم مۇددىتى بولمىغان ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشۈش ئارقىلىق ئاخىرلىشىش ۋاقتى بىكىتىلمىگەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىش ئارقىلىق مۇقىم مۇددىتى بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىمزالاشنى ئوتتۇرىغا قويسا ياكى ئۇنىڭغا قوشۇلغان بولسا، ئەمگەكچى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالاشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، مۇقىم مۇددىتى بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا بولىدۇ:
    بىرىنچى، ئەمگەكچى شۇ ئورۇندا ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى ئون يىلغا توشقان بولسا؛
    ئىككىنچى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان ياكى دۆلەت كارخانىسىنىڭ تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلىپ، ئەمگەك توختامى يېڭىۋاشتىن تۈزۈلگەندە، ئەمگەكچى شۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئۇدا ئون يىل ئىشلىگەن بولسا ھەم قانۇندا بىكىتىلگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغان بولسا؛
    ئۈچىنچى، ئۇدا ئىككى قېتىم مۇقىم مۇددەتلىك ئەمەك توختامى ئىمزالىغان ھەم ئەمگەكچىدە " ئەمگەك توختامى قانۇنى" نىڭ 39 - ۋە 40 - ماددىسىنىڭ1 -، 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق تۈزگەن بولسا. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم مۇددىتى بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، دەپ قارىلىدۇ.
    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سەۋەبسىز توختام ئىمزالىمىسا ياكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىۋاستە بىكار قىلىۋەتسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىدىغان ئورۇن ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق ئەمگەك ماجراسى كېسىمى كومېتىتىغا بېرىپ كېسىم قىلىپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.
    ئۇنداقتا ئەگەر ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشماستا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا ئەمگەكچى قانچىلىك ئىقتىسادىي تۆلەم سوممىسى ئالالايدۇ؟
    "ئەمگەك توختامى قانۇنى" يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئىقتىسادىي تۆلەم سوممىسى ئىشلىگەن ھەر يىلى ئۈچۈن ئەمگەكچىگە بىر ئايلىق ئىش ھەققى بېرىلەتتى، بىر يىلغا توشمىسا بىر يىل بويىچە ھېسابلىناتتى؛ بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن، ئىقتىسادىي تۆلەم ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن يىل چېكى بويىچە ھەر يىلى توشسا بىر ئايلىق ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە بېرىلىدۇ. ئالتە ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان بولسا بىر يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ئالتە ئايغا توشمىغان بولسا ئەمگەكچىگە يېرىم يىللىق ئىش ھەققى بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ.
    ئەمگەكچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلان قىلغان شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يوقىرى بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي تۆلەم ئۆلچىمى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە بېرىلىدۇ. ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىش يىل چەكلىمىسى ئەڭ يوقىرى بولغاندا 12 يىلدىن ئاشمايدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئايلىق ئىش ھەققى ئەمگەكچىنىڭ توختامنى بىكار قىلغان ياكى توختىتىشتىن ئىلگىرىكى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى كۆرسىتىدۇ.
    قايسى خىل كىشىلەر يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۈچ خىل كىشىلەر قاتارىدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ؟ سوغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟
    يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۈچ خىل كىشى دېگىنىمىز _ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىدىن ئاشقان دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇقىم ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ھەم دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئون يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەنلەر؛ بىر قېتىمدىلا ھەربىي سەپتىن قايتىش پۇلى ئالغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىدىن ئاشقان ئارمىيىنىڭ سابىق كادىرلىرى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كوماندىر - جەڭچىلەر ھەم ھەربىي سەپتىن چېكىنگىنىگە ئون يىلدىن ئاشقانلار؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىدىن ئاشقان چوڭ كوللىكتىپ كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ھەم خىزمەت قىلغان ۋاقتى ئون يىلدىن ئاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ. يوقارقى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار 2007 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4- كۈنىدىن بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئۆزىنىڭ ئارخىپىنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سوغۇرتا ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ سوغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە بېجىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. 2009 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ بۇ خىل كىشىلەرگە سوغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش رەسمىيىتى بىجىرىپ بېرىلمەيدۇ.
    ئەسلىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى سوغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى قىلىنىپ، بىر تۇتاش %20 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى سوغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، 2003 - يىل 6 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىنكىلەر بىر تۇتاش %20 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ. چوڭ كوللىكتىپ كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى 1986- يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1992- يىلى 12 - ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ھەر يىلنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى قىلىپ، بىر تۇتاش %18 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ؛ 1993 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىنكىلەر بىر تۇتاش %20 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ.
    شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سوغۇرتىغا قاتنىشىش تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغانلار ئەسلى ئورنىدىن ئايرىلغان يىلى 4 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقش يېشىغىچە سوغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ. تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ۋاقتى ئون يىلدىن ئاز بولسا بولمايدۇ. تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن، شۇ كىشىنىڭ ئەسلىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلىگەن يىل چەكلىمىسى ۋە ھەربىي ئىستاژى ھەق تاپشۇرۇش يىل چەكلىمىسى، دەپ قارالسا بولىدۇ.
    شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سوغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدىغانلار كۈتۈنۈش سوغۇرتىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيىگە چىقىشنى تەستىقلاش شەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، دەم ئېلىش رەسمىيىتىنى بىجىرسە بولىدۇ ھەم پېنسىيىگە چىقىشنى تەستىقلىغان ئاينىڭ كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ، كۈتۈنۈش سوغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۆتۈپ كەتكىنى بىردەك تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ.

    كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى تورى

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ