-
«ئەمگەك توختامى قانۇنى››غا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى تۈپەيلىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلمەيدۇ - [ئۇچۇرلار]
2009/05/08
.
«ئەمگەك توختامى قانۇنى››غا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى تۈپەيلىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلمەيدۇ
خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە بەزى كارخانىلار قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. شۇڭا بەزىلەر ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى›› كارخانا تىجارىتى تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتتى، شۇڭا ئۇنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك، دەپ قارىدى؛ بەزىلەر ھەتتا بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق سادالارغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شىن چۇنيۈ مۇنداق دېدى: ئەمگەك توختامى قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى، كرىزىس تۈپەيلىدىن ئەمگەك توختامى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلمەيدۇ، كرىزىس ئەمگەك توختامى قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
شىن چۈنيۈ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنىغا كۆرسىتىدىغان ئەڭ زور زەربىسى ئېكسپورتقا يۈزلەنگەن كارخانىلارنىڭ بىردىنلا تاشقى بازاردىن، زاكازدىن ئايرىلىپ قېلىپ، زاۋۇت – كارخانا تىجارىتىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىدىن بولىدۇ. بۇنداق كرىزىس شارائىتىدا، بىز دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى كۆرۈپ يەتتۇق، چۈنكى ئەمگەك توختامى كاپالىتىنىڭ قانۇنىي كاپالىتى بولغاچقىلا، پۇل مۇئامىلە كرىزىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىمىز ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ۋە تەرتىپلىك بولدى، شۇڭا بۇ قانۇننى ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى، ۋاقىتنىڭ سىنىقىغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.
‹‹گېزىت - ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن
