دېكابىر 20
قايغۇ سەن نېمە؟….
ئوۋچى
قايغۇ،
رەت قىلغۇسىز گۈزەل ئايالدەك
ياكى
بويتاقلىقتا سۈرگەن خىيالدەك
ۋاقىت كارىدۇرىدىكى مۈكچەيگەن
ئاقارغان..تاتارغان..
ۋۇجۇت ئەينەكلىرىمگە سىزار رەسىملەر…..
قايغۇنىڭ قاناتلىرى يەڭگىل…
تىنىقلرى سۈزۈك…
ئالقانلىرى ئاپپاق….
قايغۇ
كىچىككىنە يۈرەكتىن ھالقىپ
ھاۋاغا..كائىناتقا..
قايغۇ
گۈلدەك پورەكلەپ
ئاپپاق ئېچىلدۇ يۈرەكتە
ھىس قىلدۇرۇپ مۇھەببەتنى.
قايغۇ
سىم-سىم يامغۇردەك تۆكۈلۈپ
ئەسلىمىلەرنى نەمدەپ
شاتلىق خازانلىرىنى لەيلىتىپ
ئەكىتىدۇ يۈرەكتە
تۈتۈنلىتىپ نەپرەتنى……
قايغۇنىڭ كىيىمى يوق
قىپ -يالىڭاچ ياتىدۇ ئۆيۈڭدە
قىپ-يالىڭاچ چىقىپ كېتىدۇ كوچىغا
ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن.
قايغۇ توڭماس..مۇزلىماس
قايغۇ سۇغا ئايلىنار….پارغا ئايلانماس
قايغۇ قەلىپنى سۆيەر سەۋدايىلەرچە
لىكىن سۆيگەن يارغا ئايلانماس…
قايغۇنىڭ باشقا ئىسىمى يوق چاقىرغۇدەك…
ئەگەر
سۆيگۈ قايغۇسىنى يىغلاۋاتقان بولساڭ
سەن بىر تىلەمچى.
ئەگەر
پۇلنىڭ قايغۇسىنى يىغلاۋاتقان بولساڭ
سەن بىر لەنەتلىك ئوغرى.
ئەگەر
تۇپراق قايغۇسىدا يىغلاۋاتقان بولساڭ…..
سۆز بىھاجەت بۇ چاغدا ساڭا…
قايغۇ
ئۇسسۇل ئوينار شۇ تاپ قەلبىمدە
تۇپراقتىن كېلىپ.
ئىگەم،
مېنىڭ قايغۇمنى مۇھەببەتكە ئايلاندۇر
مۇھەببەتتىن ئېلىپ…
مۇھەببەت سېلىپ…….
2005.1012
باھا يوللاش
سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.