زۇلمەت دېرىزىلىرىگە ئېسىلىپ…

شېئىرىيەت ئۇپۇقى باھا يازىمەن

 

 

زۇلمەت دېرىزىلىرىگە ئېسىلىپ…

 

ئوۋچى

 

ۋەھىمىلىك گۈزەللىكنىڭ

ئاپئاق بارماقلىرىغا تىكىلىپ

ھەممە خاتىرلەرنى ئەسكە ئالدىم

ھەممە خاتىرلەرنى يوقاتتىم.

 

ئەسلىدە

بىر تامچە سۇ كەبى

لىغىرلاپ تۇرغىنىڭ ئەۋزەل ئىدى

قەلبىمدە…مىسرالىرىمدا ..رېئاللىقىمدا.

ئاڭا سەپسېلىپ

ئاپئاق ئاسمان دىۋارىنىڭ كۆكۈش بۇلۇتلار قورشاۋىدا

ۋاقىت سۇلىرىغا چىلىشىپ تۇرغىننى

قۇشلارنىڭ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى

تاغ چوقىللىرىدىكى ئادەمگىياھ يوپۇرماقلىرىنى يىگەن كىيىكلەرنىڭ

ئوق جاراھىتىدە پەسكە غۇلاپ

ئەسلىمە ئۆڭكۈرلىرىدە كۆكۈش شولا تارىتىپ

كۆيىۋاتقانلىقىنى…

ئەتراپنىڭ ئۆتكۈر كالى سىئانېت پۇرىقى بىلەن لىق تولغانلىقىنى

كۆرگىلى بولاتتى.

يەنە

شادىمان ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىچىدىن چىققان

سۇغا چۈمۈلىۋاتقان

كىيىملىرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ تازلارغا يېلىنۋاتقان

بىر تالاي ئوبرازلارنى كۆرەتتىم.

 

كۆپكۆك چەمبىرەك

ئىككى ئالقان ئىككى تەرەپكە يېيىلىپ

ئارىسىدىن دەرەخلەر ئۈنۈپ

سۆيگۈ چىملىرى جىمىرلاپ

شاماللاردا لەرزان لەيلەۋاتقان بىر تال يوپۇرماققا تىكلىپ ئوڭدا ياتقان

بىر ئەرنى ئۇچراتقانتىم.

 

ئۇ كۈنلەر كەتتى

شاماللار كەتكەندەك

شامالدا كەتكەندەكلا…

 

ئەمدى ئالقانلىرىمنى يايسام

ۋاقىت تاغلىرى تاشلىنىدۇ كۆزۈمگە

شۇ قەدەر ئىگىز ھەم شۇ قەدەر تاقىر.

بۇ كۆيۈك تاغلار

ئەسلىمە قاراڭغۇسىدا يالتىرايدۇ

ئۆلۈك ئايالىنىڭ كۆينەك ئويمىسىدىن چىقىپ قالغان

ئاپئاق ئاي شولىسىدەك

ئەمدى

ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالار كىيىكلەر

ئۆزىنى ھاڭغا تاشلىۋالار جەرەنلەر

بوينىدىكى قوڭغىراقنى جاراڭلاتقانچە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئارسىدىن چىقىپ.

 

بارماقلىرىم ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇقنى

ئاستا يانغا سۈرۋەتتىم

كۆرۈندى يەنە بىر ئاسمان

پادىشاھ ئوۋدىن قايتىپ

چاھار باغقا كىردى

كۆردى بىر زەڭگى بىلەن مەلىكىسىنى.

مەلىكە شۇ كۈندىن بېرى

نۇرغۇن چۆچەك ئىيىتتى

پادىشاھلار چۆچەككە ئايلاندى

مەلىكلەر زۇلمەت قەسىرلەرگە.

ۋاقىت ئاپتابلىرىدا بۇ چۆچەكلەر

گۈزەل قەسىرلەردە

ناخشا ئېيتار

قەدەھ سوقۇشتۇرار

بىليارد ئوينىشار

چاقچاقلىشىپ..تاماكا چېكىشىپ.

 

لەنىتى جالاپ

زۇلمەت قەسىرلەرنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قويدى

ئەفسۇن ئوقۇپ توساتتىن.

 

مەندە بىر ناخشا بار

ئۇنىڭ ئاھاڭىنى بىلمەيمەن لېكىن

شۇ ناخشىنى ئېيتىشقا ئالدىرايمەن

شۇ ناخشا ئۈچۈن ياشاپ كەلدىم

زۇلمەت قەسىرلىرىنىڭ ئالدىغا بەنىت قىلىنغاندىن بېرى.

خەتكۈچلەر:


باھا يوللاش

سىز تىزىملاتقاندىن كېيىن ئاندىن باھا يوللىيالايسىز.