ۋاڭ جېڭۋېي نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 215   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-16 16:21:48

ۋاڭ جېڭۋېي نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

 

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي 5 - مارت نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: غەربىي رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى ۋە نامرات رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىتتىپاق، مۇقىم ۋەزىيەتنى قوغداش، ھەر مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
  ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايونى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى ۋە نامرات رايونلىرىنىڭ شەرقىي رايون بىلەن بولغان تەرەققىياتتىكى پەرقى زور دۆلەتنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ئايروپورت قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە بۇ رايونلارغا مايىل بولۇشىنى؛ ھەر يەرنىڭ شەرت -شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلارنى يۆلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ خاس تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، ئۆزىنى كۈچەيتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنى قوللىشىنى؛ ئاممىۋى مۇلازىمەت، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئۆي قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى؛ «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ رايونلارنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى، قىسمەن رايونلاردا ئالدىن سىناق قىلىشقا يول قويۇشىنى؛ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى، ئۇل ئەسلىھە، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما جەھەتتە مايىل بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

                           پولات ئېزىز تەرجىمىسى