لو لىمىڭ «ئۈچ نەشرىيات»قا بېرىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 11850   يوللانغان ۋاقتى: 2014-04-02 08:24:09

لو لىمىڭ «ئۈچ نەشرىيات»قا بېرىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى

 

  3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى ۋە مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرناللىرى نەشرىياتىدا كەسپىي ئىشلار بىناسىنىڭ رېمونت قىلىپ يېڭىلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى چۈنلىن، كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ يۈجىن، مۇئاۋىن باشلىقى گۇ شۈشياڭ، قاتارلىقلار بىرگە بولدى.
  لو لىمىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلارنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇش دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىللەتلەر نەشرىياتى كەسپىي ئىشلار بىناسىنى رېمونت قىلىپ يېڭىلاش قۇرۇلۇشى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك خىزمىتى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى ۋە مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرناللىرى نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغۇچى تەرەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تەرەپ، ۋاكالىتەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپلەرنىڭ زىچ ماسلىشىشى، ئۆزئارا قوللاپ ھەمكارلىشىشى، ھەم ئىش تەقسىملەپ، ھەم بىرلىكتە ئىشلىشى بىلەن، رېمونت قىلىپ يېڭىلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ھەمدە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىلدى. نەتىجە ئاسانلا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەس، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.


  لو لىمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى قەدەمدە، رېمونت قىلىپ يېڭىلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بوشاڭلىق قىلماسلىقى، ئىتتىپاقلىق – ھەمكارلىق روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى لازىم. كەسپىي ئىشلار بىناسىغا ئىسىم قويۇش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىز، بۇنىڭدا ھەم ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق ئالاھىدىلىكىنى، ھەم مىللەت ئامىلىنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ھەمدە سۇ، توك، پار يوللىرى مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت جاۋابكارلىق سۇبيېكتلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، ھەرقايسى ئىدارىلەر مۇستەقىل ھېسابات قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىپ، يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى ئەمەلىي، ياخشى بېجىرىپ، ئىسسىتىش پار قازىنى ۋە تۇرۇبا يوللىرىنى قوراشتۇرۇش، تەڭشەش ئىشلىرىنى تېخىمۇ تېزلىكتە تاماملاپ، بالدۇرراق ئىشلىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. كۆركەم بولۇش، ئىقتىسادچىل بولۇش، ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، كوچىغا يۈزلىنىپ تۇرىدىغان تاملار ھەمدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش لازىم. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانلاردا ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ خىزمەت ئىستىلىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت خىزمەتچىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم.
  
                            تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى