مۇنۇ تېمىلاردا ماقالە – ئەسەر ئەۋەتىڭ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 12394   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-01 14:18:13

    
   مىللىي، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئائىت تېمىلاردىكى ماقالىلەر:
  
  بۇ تېمىدىكى ماقالىلەردە، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ دەۋرىمىزدىكى جۇلاسى، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنى قوغداش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى، مىللىي مەدەنىيەت ھەم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى پارلاق نەمۇنىلەر، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىشىدە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم رولى، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ زامان، ماكان ھەم ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن ھازىرقى زامان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما، يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى، ئۆرپ - ئادەتلەر قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنلار ئوقۇرمەنلەر رازى بولغۇدەك دەرىجىدە يورۇتۇلغان بولۇشى كېرەك.
  بۇ تېمىدىكى ماقالىلەردە ئىپادىلەنگەن كۆزقاراشلارنىڭ ئېنىق ھەم ئەتراپلىق، پىكىر يولى جەھەتتە ساغلام ۋە ئۆزگىچە، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا قارىتا تەشۋىقاتلىق ئەھمىيىتى زور بولۇشى، ھەجىم جەھەتتىن قىسقا (ئادەتتە ژۇرنال بېتىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 بەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك) بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.


  «ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب» سەھىپىسىدىكى ھەزىل سوئال ۋە ھەزىل جاۋابلار:
  
  «ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب» سەھىپىسى ئۇزاقتىن بۇيان ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان، ژۇرنىلىمىزنىڭ كوزىر سەھىپىلىرىدىن بىرسى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ساھە دوستلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغۇسى.
  بۇ سەھىپىگە بېرىلىدىغان ھەزىل سوئال ۋە ھەزىل جاۋابلارغا قارىتا، قىزىقارلىق بولۇش، قىسقا بولۇش، يۇمۇرىستىك بولۇش، چاقچاقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەزىلچىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى جانلىق بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
  
  «ژۇرنىلىمىز بايقىغان يېڭى يۇلتۇزلار»:
  
  ژۇرنىلىمىزدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ سەھىپىدە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ئۈمىدلىك ياشلارنىڭ، ھەر ساھە قەلەم ئىگىلىرىنىڭ، رەسسام ۋە فوتوگرافلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ خىل ئىجادىي ئەمگەكلىرى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ سەھىپىدە تۇنۇشتۇرۇلىدىغان شەخسلەرنى ھەم ئۇلارنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى ژۇرنىلىمىزغا بىرەر تەشكىل تارماقلىرى تونۇشتۇرسىمۇ، گېزىت - ژۇرناللار تەھرىر بۆلۈملىرى ياكى باشقا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خادىملىرى تونۇشتۇرسىمۇ، ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى ھەرساھە شەخسلەر تونۇشتۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
  
  «كىتابسىز تۇرمۇش − قۇياشسىز تۇرمۇش»:
  
  بۇ سەھىپىدە ھەرقايسى نەشرىياتلار يېڭىدىن نەشر قىلغان ياكى ئىلگىرى نەشر قىلغان بىر قىسىم بازارلىق كىتابلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ شۇ كىتابلارغا قارىتا يازغان تەسىراتى ياكى باھالىرى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ سەھىپىگە ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان ياكى بازارلىق كىتاب بولۇش ئۆلچىمىنى ھازىرلىغان، دەپ قارىغان ھەر خىل كىتابلارنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇش، باشقا ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە يازغان ئوبزورلىرىنى ھەمدە تۈرلۈك ئۇسلۇبتىكى ماقالىلىرىنى ئەۋەتسە بولىدۇ.
  
  «ھۆسن خەت ۋە خۇش خەت گۈلزارى»:
  
  ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە ئۇيغۇر خۇش خەت ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم ئۇنى قوغداش مەقسىتىدە، ژۇرنىلىمىزدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ سەھىپىگە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بويىچە بىر قەدەر ئاممىباب بولغان تەتقىقات ماقالىلىرىدىن باشقا، يەنە ھۆسن خەتلەر، خۇش خەتلەر، ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ ھەر خىل چىرايلىق قول يازمىلىرى ۋە ئادەتتىكى خەتلىرىدىن ئۆرنەكلەرنى بېرىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئادەتتىكى قول يازما قەلەم خېتى ئالاھىدە چىرايلىق دوستلار ژۇرنىلىمىز بېتىدە بىر بەتتىن ئىككى بەتكىچە بولغان ھەجىمدە «داڭلىق ئەسەرلەردىن ئۈزۈندە» كۆچۈرۈپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.
  
  «مىللەت ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت»:
  
  بۇ سەھىپىگە ھەر ساھە قەلەم ئىگىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ھەققىدە ئەركىن پىكىر يۈرگۈزگەن تۈرلۈك ئۇسلۇبتىكى ماقالە، ئەدەبىي ئوبزور، باھالىرىنى؛ ئەدەبىي ئىجادىيەت ياكى سەنئەت ئىجادىيىتى ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلىرى، كەچۈرمىشلىرى، ئەسلىمىلىك خاتىرىلىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسى ھەم سەنئەت ساھەسى بويىچە ھەر خىل بەس - مۇنازىرە تۈسىنى ئالغان ماقالىلىرىنى ئەۋەتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.