ژۇرنىلىمىزنىڭ باشقا يېزىقتىكى نۇسخىلىرى
★ نەشرىياتىمىز مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1957 - يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى رەسمىي خەنزۇ تىلىدا ژۇرنال نەشر قىلىشنى باشلىغان ( 1957 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى سىناق سان نەشر قىلىنغان، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشايلى!» دېگەن بېغىشلىمىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» دېگەن تۆت خەت قۇراشتۇرۇلۇپ ژۇرنال نامى قىلىنغان)، 1966 - يىلى 7 - ئايغىچە 98 سان نەشر قىلىنىغاندىن كېيىن، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىپ، 8 - ئايدا ژۇرنال نەشر قىلىشتىن توختىتىلغان؛ 13 يىلدىن كېيىن، يەنى 1979 - يىلى 7 - ئايدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە 99 - سان ژۇرنال نەشر قىلىنغان...
★ 1986 - يىلى نەشرىيات رەھبەرلىكى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا 1987 - يىلىدىن باشلاپ موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن تىللىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنى نەشر قىلىش ھەققىدىكى دوكلاتنى يوللىغان.
★ 1987 - يىلى 7 - ئايدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ موڭغۇل تىل- يېزىقىدىكى تۇنجى سانى نەشر قىلىنغان.
★ 1988 - يىلى 5 - ئايدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى سانى نەشر قىلىنغان.
★ 1988 - يىلى 5 - ئايدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ قازاقچە تۇنجى سانى نەشر قىلىنغان.
★ 1989 - يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرنىلىنىڭ چاۋشيەنچە تۇنجى سانى نەشر قىلىنغان.
★2001 - يىلى بەش خىل تىل - يېزىقتىكى ژۇرنال نامى بىردەك «جۇڭگو مىللەتلىرى»گە ئۆزگەرتىلگەن.
★ 2003 - يىلى 3 - ئايدا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئىنگلىز تىل- يېزىقىدىكى تۇنجى سانى نەشر قىلىنغان.