نەشرىياتىمىز ھەققىدە

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 11888   يوللانغان ۋاقتى: 2013-08-02 07:43:59

نەشرىياتىمىز ھەققىدە

     مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى بىۋاسىتە قاراشلىق مەدەنىيەت كەسپىي ئورنى بولۇپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە، ئېنگلىزچە ئالتە خىل يېزىقتىكى نۇسخىلىرىنى چىقىرىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل. بۇ ژۇرنال جۇڭگودىكى مىللەتلەرنى نوپۇزلۇق تەشۋىق قىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك نەشىر ئەپكار ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا 1957 – يىلى نەشر قىلىنغان، 2001 – يىلى «جۇڭگو مىللەتلىرى»گە ئۆزگەرتىلگەن.
     مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى قارمىقىدا ئىككى ئاپپارات تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بېيجىڭدىكى باش ئىدارىدا ئايرىم – ئايرىم ھالدا: نەشرىيات پارتكومى ئىشخانىسى، خەنزۇ تەھرىر بۆلۈمى، ئېنگلىز تەھرىر بۆلۈمى، موڭغۇل تەھرىر بۆلۈمى، چاۋشيەن تەھرىر بۆلۈمى، كادىرلار باشقارمىسى، مالىيە باشقارمىسى، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش بۆلۈمى، كەسپىي ئىشلار – تەرەققىيات بۆلۈمى،تور - ماتېرىيال بۆلۈمى؛ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى (ئۈرۈمچىدە)دا: ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ۋە قازاق تەھرىر بۆلۈمى بار.
     ھازىر نەشرىيات تەۋەسىدە جەمئىي 88 نەپەر ئىشچى – خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 61 نەپەر، دەم ئېلىشقا ۋە پىنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچى27 نەپەر بولۇپ، ئەرلەر 59 نەپەر، ئاياللار 31 نەپەر. 17 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان.