ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇلازىمەتلىرى
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە ئاپتورلارغا تېخىمۇ قولاي، بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىپ، ژۇرنال چىقىرىش بىلەن مۇلازىمەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، تۆۋەنىدىكى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى ياكى پات يېقىندا يولغا قويىدۇ:
1. «جوڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2013 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ «ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزگە ۋاكالىتەن مۇشتەرى بولۇپ بېرىش پائالىيىتى»نى يولغا قويدى. مۇشتەرى بولۇش ئۇسۇلىڭىز ۋە تەقدىم قىلىش ئۇسۇلىمىز مۇنداق بولىدۇ: سىز مۇشتەرى ھەققىنى پوچتا پۇل پېرىۋوت تالۇنى ياكى بانكا ھېساباتى ئارقىلىق، مۇشتەرى بولۇش تالۇنىنى تولدۇرۇپ پوچتا ياكى ئېلخەت ئادرېىسى ئارقىلىق تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ئەۋەتىسىز؛ سىز ئەۋەتكەن مۇشتەرى ھەققى ۋە مۇشتەرى بولۇش تالونىدىكى ژۇرنال سانى بىلەن ئادەم ئىسمىغا ئاساسەن، سىز ۋاكالىتەن مۇشتەرى بولۇپ بەرگەن كىشىلىرىڭىزنىڭ ئادرېسىغا تەھرىر بۆلۈمىمىز سىزنىڭ نامىڭىزدىن ژۇرنال ئەۋەتىپ بىرىدۇ (پوچتا ھەققىنى ئۆزىمىز تۆلەيمىز). ھەر سان ژۇرنال سىزنىڭ (ياكى شىركىتىڭىزنىڭ) نامىڭىزدىن سوۋغات ئىكەنلىكىنى مەخسۇس تەييارلانغان كىچىك كارتىغا ئايرىم ئەسكەرتىلىپ، پوچتىدىن يوللىنىدۇ.
2. «جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنى بىز بىلەن بىللە باشقۇرۇشقا قاتنىشىڭ» نامىدىكى تەكلىپ قوبۇللاش پائالىيىتى. بۇ پائالىيەت 2013 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ. ژۇرنىلىمىزنى ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يەنىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئالدىن تاللايدىغان، باشقۇرۇلۇشى جانلىق ۋە ئىلمىي، مەزمۇنى تېخىمۇ مول ھەم جەلپكار بولغان دۆلەت دەرىجىلىك، نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسال ژۇرنالغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە تەھرىراتىمىز يېڭىدىن يولغا قويغان «ئېچىۋېتىلگەن ژۇرنال باشقۇرۇش ئەندىزىسى» بويىچە ژۇرنالنى جەمئىيەت بىلەن ئورتاق باشقۇرۇش مەقسىتىدە، تۇنجى قېتىملىق «ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىش» پائالىيىتىنى يولغا قويماقچىمىز.
تەكلىپ قوبۇل قىلىش دائىرىسى: ژۇرنىلىمىزدا يېڭىدىن تەسىس قىلىش ياكى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر بولغان سەھىپىلەر، كۆپەيتىش ياكى تەڭشەش زۆرۈر بولغان مەزمۇنلار، ئىسلاھ قىلىش زۆرۈر بولغان تەرەپلەر ۋە ژۇرنىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەرەپلەر ھەققىدە بولسا بولىدۇ. پائالىيەت ۋاقتىغا چەك قويۇلمايدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ھەر ساھە ئوقۇرمەن ۋە ئاپتورلار ھەرقانداق ۋاقىتتا ژۇرنىلىمىزغا ئېلخەت، خەت ياكى تېلېفون ئارقىلىق تەكلىپ - پىكىر بەرسە بولىدۇ. تەھرىراتىمىز بارلىق تەكلىپلەر ئىچىدىن ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئىلمىي، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ باھالاپ چىقىپ، نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىغاندىن باشقا، مۇكاپاتقا لايىق تەكلىپ بەرگۈچىلەرگە يەنە كېلەر يىللىق بىر يىللىق ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىدىن بىر نۇسخا تەقدىم قىلىدۇ. ئەقىلگە مۇۋاپىق تەكلىپلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، تەكلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ نام - شەرىپى، سۈرىتى ۋە مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ژۇرنال يۈزىدە ھەم ژۇرنىلىمىزنىڭ «سەلتەنەت» تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
«ھەر ۋاقىت تەكلىپ قوبۇل قىلىش» تېلېفونىمىز:
8533288- 0991 ياكى 8530016 - 0991
«ھەر ۋاقىت تەكلىپ قوبۇل قىلىش» ئېلخەت ئادرېسىمىز:
millatlar1988@sohu.com
3. مەخسۇس ئېلخەت ئادرېسى تەسىس قىلىپ، تاپشۇرۇۋىلىنغان ئەسەرلەرگە نىسبەتەن قەرەرلىك ھالدا ژۇرنالغا تاللىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى. بۇ پائالىيەت «سەلتەنەت تورى»نىڭ يېڭى نۇسخسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يولغا قويىلىدۇ. ئاپتورلار ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتكەن - ماقالە ئەسەرلىرىنىڭ ژۇرنىلىمىزدا ئىشلىتىشكە تاللىنىش ئەھۋالىنى «سەلتەنەت تورى»غا كىرىپ كۆرەلەيدۇ.
مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى