تۇنجى نۆۋەتلىك «ناۋادا مەن ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولسام...» ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىگە قاتنىشىڭ!

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 11245   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-01 14:21:18

  ژۇرنىلىمىز ماقالە- ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، نادىر ماقالە- ئەسەرلەر ئارقىلىق كىتابخانلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەمدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ژۇرنىلىمىز ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىق ھەم ئىشىنىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ژۇرنال سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، تەھرىر بۆلۈمىمىز تۇنجى نۆۋەتلىك «ناۋادا مەن ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولسام...» ناملىق كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
  پائالىيەت ۋاقتى: بۇ پائالىيەتنىڭ بىرىنچى قارارلىق ۋاقتى 2012 - يىل 10 - ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 2013 - يىل 6- ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە بولىدۇ.
  پائالىيەتكە قاتنىشىش دائىرىسى: بۇ پائالىيەتكە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە دوستلار − ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇشتەرىلىرى، كونا-يېڭى ئوقۇرمەنلىرى، ئاپتورلىرى؛ يىللاردىن بېرى ژۇرنىلىمىزنى كۆپ خىل يوللار ۋە شەكىللەر بىلەن قوللاۋاتقان ھەر ساھە دوستلىرى، رەھبەرلەر؛ ھەر ساھە زىيالىيلار، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، سودا - تىجارەت ساھەسىدىكىلەر ۋە دىنىي زاتلار قاتناشسا بولىدۇ.
  پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى: پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ۋە بۇ پائالىيەتنى قىزغىنلىق بىلەن قوللايدىغان ھەر ساھە مۇشتەرىلەر، ئوقۇرمەنلەر ۋە دوستلار ژۇرنىلىمىزنىڭ «بىز ھەممىدىن ياخشىسىنى تاللايمىز، ھەممىدىن ياخشىسى بىزنى تاللىسۇن!» دېگەن ژۇرنال شۇئارىغا ئاساسەن، ژۇرنىلمىزنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە، يەنى ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە- ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى، تەھرىرلىنىش ئەھۋالى، مەزمۇن دائىرىسى، مۇقاۋىسى، ئىچ بەتلەر ۋە مۇقاۋىلارنىڭ لايىھەلىنىشى، ئومۇمىي گەۋدىسى، كىشىگە بېرىدىغان ئېستېتىك تۇيغۇسى قاتارلىق كۆپ خىل تەرەپلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق كۆزقاراش، تەنقىد ۋە مەسلىھەت- تەكلىپلىرى بولسا دادىل، بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويسا بولىۋېرىدۇ. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا، تەھرىر بۆلۈمىمىز بۇ قېتىملىق ئوقۇرمەنلەر رايىنى سىناش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش مەخسۇس گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تەھرىر بۆلۈمىمىز تاپشۇرۇۋالغان، يازمىچە يوللانغان بارلىق كۆزقاراش، تەنقىد ۋە مەسلىھەت- تەكلىپلەرگە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەممىنى تولۇق رەتلەپ چىققاندىن كېيىن، ژۇرنال يۈزىدە پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ھەم نەتىجىسىدىن دوكلات بېرىلىدۇ.
  تەلەپ ۋە ئۈمىد: بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ۋە بۇ پائالىيەتنى قىزغىنلىق بىلەن قوللايدىغان ھەر ساھە مۇشتەرىلەر، ئوقۇرمەنلەر ۋە دوستلار ئۆزلىرىنى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە بىر مۇھەررىرى، دەپ بىلىپ، ژۇرنىلىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ۋە ژۇرنىلىمىزنى ئاسراشنى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئالدىن تاللايدىغان سەر خىل ژۇرنىلى قىلىپ مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك كۆزقاراش، تەنقىد ۋە ئەھمىيەتلىك مەسلىھەت - تەكلىپلىرىدىن بىزنى تولۇق خەۋەردار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار: بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قىزغىنلىق بىلەن قوللايدىغان ھەر ساھە مۇشتەرىلەر، ئوقۇرمەنلەر ۋە دوستلار ئۆزلىرىنىڭ بىزگە يوللىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى كۆزقاراش، تەنقىد ۋە مەسلىھەت- تەكلىپلىرىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭىدىن تەسىس قىلغان ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتسىمۇ ياكى پوچتىدىن ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى ئادرېسىغا خەت ئارقىلىق ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئەۋەتىلگەن ھەربىر كۆزقاراش، تەنقىد ۋە مەسلىھەت- تەكلىپلەرنىڭ ئاخىرىغا ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىسمى- شەرىپى، خىزمەت ئورنى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفۇنىنى يېزىشىنى ھەمدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قانداق قاتناشقانلىقى (ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولغانلىقى ئۈچۈن خەۋەر تاپقانلىقى، ژۇرنىلىمىزنى كىتاب بوتكىلىرىدىن سېتىۋېلىپ كۆرگەندىن كېيىن خەۋەر تاپقانلىقى ياكى باشقىلاردىن ئاڭلاپ خەۋەر تاپقانلىقى ۋە ياكى تەھرىر بۆلۈمىمىز تەقدىم قىلغان ژۇرنالنى كۆرۈپ خەۋەر تاپقانلىقى)نى ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  بۇ قېتىمقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىزنى ئەھمىيەتلىك ھەم قىممەتلىك كۆزقاراش، تەنقىد، تەكلىپ- پىكىر ۋە مەسلىھەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن مۇشتەرىلەرنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە دوستلارنىڭ ئىسمى- شەرىپى ژۇرنال يۈزىدە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىللە، ئۇلارغا ژۇرنىلىمىزنىڭ خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىنىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىنغاندىن باشقا، ژۇرنىلىمىزنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى دوستلۇق ئالاقە تورىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلار ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئۇيۇشتۇرىدىغان كۆپ خىل پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋەر تېپىشى زۆرۈر دەپ قارالغان خەتلەر ژۇرنال يۈزىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
  ھەر ساھە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك «ناۋادا مەن ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولسام...» ناملىق كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىزنى قىممەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك كۆزقاراش، تەنقىد، تەكلىپ- پىكىر ۋە مەسلىھەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى، ژۇرنىلىمىز بىلەن قويۇق ھەمكارلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!