لو لىمىڭ « 13- بەشيىللىق مەخسۇس تۈردىكى يىرىك پىلاننى تۈزۈش» تېمىسىدىكى تەتقىقات كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 30289   يوللانغان ۋاقتى: 2015-02-03 09:24:47

 لو لىمىڭ « 13- بەشيىللىق مەخسۇس تۈردىكى يىرىك پىلاننى تۈزۈش» تېمىسىدىكى تەتقىقات كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى

罗黎明出席编制“十三五”专项规划专题研究班开班式

 
 
      10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ  «13 - بەشيىللىق پىلان مەخسۇس تۈردىكى يىرىك پىلاننى تۈزۈش» تېمىسىدىكى تەتقىقات كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئىقتىساد - تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لې چاڭخۇڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
      لو لىمىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل دۆلەتنىڭ 13 - بەشيىللىق ئومۇمىي پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل ھەمدە «ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ 13 -بەشيىللىق  تەرەققىيات پىلانى»نى مۇھاكىمە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل. جايلار ۋە تارماقلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما دىققەت قىلىۋاتىدۇ، ھەممەيلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىشقا قىزغىنلىق بىلەن تەشنا بولماقتا. 13 - بەشيىللىق مىللەتلەر خىزمىتى مەخسۇس تۈردىكى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى مەركەزنىڭ ھۆكۈمى، تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم.
      لو لىمىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى  ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە ئىتتىپاقلىق ــ ئىستراتېگىيە، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ـــ نىشان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ـــ تۈپ مەقسەت، يېزىلار ـــ قىيىن نۇقتا، نامراتلىقنى ئازايتىش ــــ ئاچقۇچ. مۇشۇ پىكىر يولىغا ئاساسەن، «13 -بەشيىللىق مىللەتلەر خىزمىتى مەخسۇس تۈردىكى يىرىك پىلانى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشتە، دۆلەت تەلەپ قىلغان 13 - بەشيىللىق مەزگىلىدە تاماملاشقا تېگىشلىك بولغان «ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»، «ئىسلاھاتنى ئوموميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش»، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئوسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشان ۋە ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جېڭۋىي ئوتتۇرغا قويغان «تۆت تەلەپ» بويىچە، مەخسۇس تۈردىكى يىرىك پىلاننى تۈزۈش جەريانىدا، خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىرىك پىلان نىشانىنى ئىلمىي بىكىتىش؛ نۇقتىلىق رايونلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىرىك پىلان ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى توغرا تېپىش؛ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىرىك پىلان سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش؛ مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىرىك پىلاننىڭ مەشغۇلاتچانلىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تۆتنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. 
       لو لىمىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ 13 - بەشيىللىق پىلانىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چۆرىدەپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ 2014 - يىل 9 - ئايدا گوۋۇيۈەن ئاچقان 13 - بەشيىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچ مۇھىم، بىر چېتىشتۇرۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن،  مەخسۇس تۈردىكى يىرىك پىلاننى تۈزۈش جەريانىدا، ئالدىنقى مەزگىللىك تەتقىق قىلىش، پىكىر يوللىرى تەييارلاش، يىرىك پىلان تۈزۈش تەرتىپىنى چىڭىتىش، يىرىك پىلاننى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەش لازىم.