دەنجۇ ئاڭبېن تەشۋىقات - مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس ئۆگىنىش يىغىنى چاقىرىپ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 27813   يوللانغان ۋاقتى: 2015-02-03 09:35:49

 دەنجۇ ئاڭبېن تەشۋىقات - مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس  ئۆگىنىش يىغىنى چاقىرىپ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

丹珠昂奔主持召开宣传文化单位专题学习会研究部署宣传贯彻中央民族工作会议精神等工作

       11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن مەخسۇس ئۆگىنىش يىغىنى چاقىرىپ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنى يەتكۈزدى، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. مەدەنىيەت -تەشۋىقات مەھكىمىسىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ۋە كومىتېتقا قاراشلىق تەشۋىقات - مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
       دەنجۇ ئاڭبېن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى يېڭى دەۋردە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، يولداش شى جىنپىڭنىڭ سۆزى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ ماھىيىتى ۋە جەۋھىرىنى ئىگىلەش ــــ بىزنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزنىڭ يادروسى، شۇنداقلا بىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى.
       دەنجۇ ئاڭبېن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە كۆز قاراش ئېنىق، تەھلىل قىلىش ئەتراپلىق ۋە مۇكەممەل؛ بىر قاتار يېڭى يەكۈن، يېڭى ئىدىيە، يېڭى پىكىر، يېڭى ھۆكۈملەر بار؛  ئۇ بىزنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە ۋە تەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك قورال بىلەن تەمىنلىدى.
     بىرىنچىدىن، ئېلىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئاساسى دۆلەت ئەھۋالى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ دۆلەت بىرلىكىدىكى مۇھىم ئورنىنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەكلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كۆپ رايون بىر گەۋدىلەشكەن، دۆلەت تەرەققىياتىدىكى پايدىلىق ئامىل، ئۈستۈنلۈك ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. 
    ئىككىنچىدىن، نۆۋەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، بەزى مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىلغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرى توغرا، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولى توغرا، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىناق، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماقتا. شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئومومىي جەھەتتىن مۇقىم، بىراق، مۇقىملىق ئىچىگە ئۆزگىرىش، خەۋپ - خەتەر، غەم - ئەندىشە يوشۇرۇنغان، بولۇپمۇ بىزنىڭ دۈشمەن كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرىشىمىز كەسكىن ھەم مۇرەككەپ. 
    ئۈچىنچىدىن، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولى ئىلمىي، چوڭقۇر شەرھىلىنىپ، بۇ تەجرىبىلەرنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي قىممىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
    تۆتىنچىدىن، نۆۋەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىلگەن. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەنبەسى»، ئاساسى،  ئەمەلىيەت جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى. مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش، تارىختا شەكىللەنگەن جۇڭگودىكى مىللەتلەردە بار بولغان كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى ئىلمىي، دېئالېكتىكىلىق تونۇش كېرەك.
       دەنجۇ ئاڭبېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ئەمدىلا غەلبىلىك ئاياغلاشتى، ھازىر ئىنتايىن مۇھىم بولغان، يەنى ھەر قايسى تەرەپلەر يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتقان، جايلار خىزمەت پىلانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ پىلانلاۋاتقان، تەتقىقاتلىرىنى ئۆزلەشتۈرىۋاتقان مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز. نۆۋەتتە بۇ ئۈچ مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ راۋاجىدىن پايدىلىنىپ، ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم. ئورۇنلار ۋە تارماقلار ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە، تارماقنىڭ يىل ئاخىرىدىكى خۇلاسىسىگە ۋە كېلەر يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، مەسىلىلەرنى تاراتقۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى ۋە ئىدىيەۋى خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكىدە تۇرۇپ ئويلاپ، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكىتقا قاراپ، جىددىي ۋە جىددىي ئەمەسلىرىنى ئايرىپ، ئىشلارنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلاردىن بېسىپ چۈشۈپ، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 
  كونكرېت خىزمەتلەردە، بىرىنچىدىن، تەشۋىقات مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. بىر قەدەم ئاۋۋال ئۆگىنىپ، چوڭقۇرراق ئۆگىنىپ، مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھى ماھىيىتىنى  چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا نۇقتىلىق، ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرنى، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان دائىرىدىكى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەشۋىقات شەكلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆپ مەنبەلىك، داغدۇغىلىق جامائەت پىكرى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، تەشۋىقات ئاساسىي گەۋدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بىر تۇتاش ئويلىشىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، تەشۋىقات لايىھەسى، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇل خادىملىرىنى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىش لازىم. تۆتىنچىدىن، تەشۋىقات ئوبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. ئوخشاش بولمىغان توپ ۋە ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى ئوبيېكىتلارنى ئايرىپ، تەشۋىقاتنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. كۈچلۈك دەلىللەشلەر ئارقىلىق، بايان قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىش، ئاندىن ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساس شەكىللەندۈرۈش لازىم. بەشىنچىدىن، تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئۈنۈمىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ  ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
       دەنجۇ ئاڭبېن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىكى چوڭ ئىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان، جۇڭگو ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇش لازىم. بىرىنچىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاشقا كۈچ سەرپ قىلىش لازىم؛ نەزەرىيەنىڭ ھەق-ناھەقلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، روشەن كۆز قاراش ۋە مەيداننى ساقلاش لازىم؛ ئىككىنچىدىن، كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئەتراپلىق پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بۇ نۇقتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۆگىنىشتە، مۇھاكىمە قىلىشتا ئالدىدا مېڭىپ،  ئۆزلەشتۈرۈش، چۈشەندۈرۈش، سىڭدۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش لازىم؛ ئۈچىنچىدىن، چوڭ يۆنىلىشنى، تېز سۈرئەتنى ئىگىلەپ، باسقۇچلارغا ماسلىشىپ، ھەم تەشۋىق قىلىشنى، ھەم تەربىيىلەشنى تەڭ تۇتۇپ، ھەم ئىچكى قىسىمدىكى خىزمەتلەرنى، ھەم سىرتقى قىسىمدىكى ئىشلارنى بىرلىكتە تۇتۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۇچۇر توپلاپ، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئەقىل - پاراسەتتىن ئوزۇق ئېلىپ،  خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.