يولداش لو لىمىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ خامچوتىدىن مەبلەغ سېلىنغان تۈر قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 27631 يوللانغان ۋاقتى: 2015-02-03 09:16:43
يولداش لو لىمىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ خامچوتىدىن مەبلەغ سېلىنغان تۈر قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى
罗黎明同志出席国家民委中央预算内投资项目建设经验交流活动

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ خامچوتتىكى مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئوتتۇرا جۇڭگو مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ۋەكىللىرى جۇڭنەن (ئوتتۇرا جۇڭگو) مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ 13 - نۇمۇرلۇق، 16 - نۇمۇرلۇق ئوقۇتۇش تەجرىبە بىناسى، شىمالىي رايوندىكى ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قاتارلىق مەركەزنىڭ خامچوتىدىن مەبلەغ سېلىنغان تۈر قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى، سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جۇڭنەن (ئوتتۇرا جۇڭگو) مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەركەزنىڭ خامچوتىدىن مەبلەغ سېلىنغان تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئوسۇللىرىنى تونۇشتۇردى، ئۇنىۋېرىستېت قارمىقىدىكى باشقا ئىنستىتۇتلارمۇ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇشقا بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
سۆھبەتلىشىش - تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى كەسپىي مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى چۈنلىن رىياسەتچىلىك قىلدى. مائارىپ، پەن - تېخنىكا مەھكىمىسىدىن شيا يەنفاڭ، كەسپىي مالىيە مەھكىمىسىدىن ۋاڭ يۈجىن؛ كومىتېتتا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى -مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىدىن تەن جۈەنۋىي؛ كومىتېتقا قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن، ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەسئۇل رەھبەرلەر ۋە مالىيە، مۈلۈك، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بۇلۇپ 30دىن ئارتۇق كىشى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى جامائەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گوخۇا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2014 - يىلىدىكى مالىيە باشقۇرۇشتىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يىلىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى: دۆلەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار يېڭى سىياسەت تەلەپلىرى ۋە روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2012 - يىل 6 - ئايدىكى نەقمەيدان يىغىنىدىن بۇيانقى ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش؛ جۇڭنەن (ئوتتۇرا جۇڭگو) مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ كومىتېتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش سېستىما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.