تۇنجى نۆۋەتلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: 34014 يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-22 15:16:03
تۇنجى نۆۋەتلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
首届“民族团结与国家安全”学术研讨会在国防大学和中央民族干部学院举办
12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ، دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شياۋ تيەنلياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى مەشىق قىلدۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن تەلىم – تەربىيە باشلىقى فېڭ جىنكو، ئىلمىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شىۋۇلار قاتناشتى، ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆ گوئەن رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى بامو ئاي يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خۇلاسە سۆزى سۆزلىدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى قاتارلىق يەرلىك ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى رەھبەرلەر ھەمدە ئالاقىدار مەكتەپ، پەن - تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ 80 نەپەردىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
لو لىمىڭ بىلەن شياۋ تيەنلياڭ تەبرىك سۆزىدە، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەرلىكى، تەخىرسىزلىكى، شۇنداقلا مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاكتىپ سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇشتىكى ئۇسۇللىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپرەك ئەقىل كۆرسىتىشىنى، ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

لو لىمىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا
مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى يې شياۋ ۋېن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ جۇاڭمىن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى ھەمدە ئاكادېمىكلار بۆلۈمى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ باش كاتىپى خاۋ شىگۇاڭ، دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورلىرىدىن شۈ يەن، چياۋ لياڭ، ۋاڭ باۋفۇ قاتارلىق رەھبەرلەر ئاساسىي مەقسەت بويىچە سۆز قىلدى؛ ھەربىي قىسىمدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن 17 نەپەر كىشى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكى» باش تېمىسىغا زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا مەخسۇس تەجرىبە ئالماشتۇرۇش بويىچە سۆز قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نۇقتىسىدىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە نەزەر»، «دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مىللەتلەر مەسىلىسىگە نەزەر»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە كۆرسەتمىلەر» دېگەندىن ئىبارەت مەخسۇس ئۈچ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلمىي مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك كەڭ – كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى تونۇشى ھەم مۇلاھىزىلىرىنى كۆپ تەرەپلىمە نۇقتىلاردىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەجرىبىلەر ۋە ئەقىل – پاراسەتلەردىن ئۆزئارا ئورتاقلىشىپ، قىممەتكە ئىگە كۆزقاراش ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، بىر قاتار چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق ھېسابلىدى: مىللەتلەر مەسىلىسىنى مۇھاكىمە ۋە تەتقىق قىلىش جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىنى تەتقىقات قىممىتىنىڭ يۆنىلىشى قىلىشىمىز كېرەك؛ دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپسىرەش ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خېيىمخەتەرنىمۇ ئەستىن چىقارماي، يېڭى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەتقىقاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشىمىز كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پەقەت مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىلا، ئاندىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا قارىتا تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز لازىم؛ دۆلەتتە تەرەققىيات، مۇقىملىق، بىخەتەرلىك بولغاندىلا، ئاندىن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك؛ بۇ بىر تۈرلۈك خىزمەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇشەققەتلىك ھەم مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ھەمدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت سۈپىتىدە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز، توختىماستىن كۈچ سەرپ قىلىشىمىز ھەم ئۇنىڭدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم؛ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنى بەلگىلىگۈچى تەتقىقاتچىلىرى، تەشۋىقاتچىلىرى ھەم ئىزچىللاشتۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشتەك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا تۈرتـكە بولۇپ، ھـەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆز ئالدىمىزدىكى مىللەتلەر خىزمىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېگىشلىك كۈچىمىزنى ھەمدە ئەقىل – پاراسىتىمىزنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.
مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنستىتۇتى بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى قېتىملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنى بىر خىل پايدىلىق سىناق بولۇپ، مىللەتلەر خىزمىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە ئۆزئارا چۈشىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتىكى كۆۋرۈك بولۇپلا قالماي، يەنە مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى بىر قېتىملىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى خىزمىتـىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى.