مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جېڭۋېي گۈلمىرە مىتىۋۇللا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى
مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جېڭۋېي گۈلمىرە مىتىۋۇللا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى
6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي بېيجىڭ «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»دا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە نەنجىڭ فۇكو ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدىن كەلگەن گۈلمىرە مىتىۋۇللا قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۈيۈك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق ھالدا قوغداشتىكى پائالىيەتلىرىنى تەرىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى غەيرەتكە كېلىپ ئالغا ئىنتىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ساغلاپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ - قۇدرىتىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
گۈلمىرە مىتىۋۇللا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتى بىرقەدەر قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت، مەكتەپ ھەمدە نەنجىڭدىكى مېھرىبانلىق يەتكۈزگۈچى زاتلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ئۇ ئۆتكەن يىلى نەنجىڭ فۇكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ يىل يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا «1 - مارت» زوراۋانلىق – تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساۋاقداش گۈلمىرە مىتىۋۇللا 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى زۇڭلى لى كېچياڭغا خەت يېزىپ، زوراۋانلىق – تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە جەمئىيەتتىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ - قۇدرىتىنى تەقدىم قىلىپ، ۋەتەنگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، بېيجىڭغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى كۆرۈش، سەددىچىن سېپىلىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ باي ھەم قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىدىن تەسىرات ئېلىشتەك ئارزۇسىنىمۇ بىلدۈرگەن. ساۋاقداش گۈلمىرە مىتىۋۇللانىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشى ھەمدە كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى گۈلمىرە مىتىۋۇللا قاتارلىق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى بېيجىڭغا كېلىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق ئارزۇسى ھەققىدە ئورتاق پىكىرلىشىش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى بىرلىكتە كۆرۈش، بېيجىڭ شەھىرىنى بىرلىكتە ساياھەت قىلىش، بىرلىكتە دەرس ئاڭلاش، مىللەتلەرنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىنى بىللە سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلدى.
ئۇلار بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ جېڭۋېينىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»نى زىيارەت قىلدى. ۋاڭ جېڭۋېي ساۋاقداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇشتىكى ئىرادىسىنى تەرىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز 56 مىللەتتىن ئورتاق تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز كۈندىن – كۈنگە قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولۇۋاتىدۇ؛ ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىغا ئېھتىياجلىق؛ ھەر مىللەت ساۋاقداشلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى تەقدىم قىلىشى لازىم.
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرمەكتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تېخى يېقىندىلا، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، بۇ يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى ئالاھىتەن شىنجاڭغا بېرىپ، مەخسۇس تېمىلار بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك توغرىسىدا مۇھىم ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر ئالاھىدە ئېتىبارلىق سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ، شىنجاڭغا ئەڭ يېڭى تەرەققىيات دەۋرىنى بەخش ئەتتى. بىز ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار چوڭ ياخشى دەۋرنى قەدىرلىشىمىز، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ياشلىرى – ئۆسمۈرلىرى ۋەتەننىڭ كېلەچىكىدۇر، كۆپچىلىك جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپى ۋە جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي مائارىپىنى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، مىللىي روھنى قەدىرلەش، ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆز – ئۆزىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان، لاياقەتلىك پۇقرالاردىن بولۇپ چىقىشى لازىم. كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ دۆلەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈش بىلەن، بۇ خىل روھنى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق سۆز – ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغۇزۇشى كېرەك. ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىر - بىرىگە ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش بىلەن، چوڭ ئىشلارنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىشى، يەنى ئىللىقق بىر تەبەسسۇم، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئەھۋال سوراش ۋە رەخمەت ئېيتىشتەك كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى لازىم. ھەقىقىي رەۋىشتىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەلچىلىرى»دىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى، مىللىي ھېسسىياتنى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشى كېرەك.
ۋاڭ جېڭۋېي يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى نەنجىڭ فۇكو ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ئىدىيەۋى – سىياسىي تەلىم – تەربىيەگە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەلىم – تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، مائارىپنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتەك ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە مىللىي مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.