مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرىيات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرىيات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ليۇ يەندۇڭ مۇھىم تەستىق سالدى ۋاڭ جېڭۋېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى ما بياۋ كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى
9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت دۆلەت دەرىجىلىك بىردىن – بىر نەشرىيات ئورگىنى ــــ مىللەتلەر نەشرىياتى بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا نەشرىيات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 60 يىللىق كۆرگەزمىنى ئاددىي – ساددا ھەم داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى يولداش ليۇ يەندۇڭ مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ نەشرىيات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشى ھەققىدە مۇھىم تەستىق سالدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما بياۋ «مىللەتلەر نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى كۆرگەزمىسى»نى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
ۋاڭ جېڭۋېي خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 60 يىللىق شانلىق نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا قارىتا بەش تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۆلەتلىك ئاخبارات – نەشرىيات - رادىيو – تېلىۋېزىيە - كىنو باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۇڭ مىڭچاڭ دۆلەتلىك ئاخبارات – نەشرىيات - رادىيو – تېلىۋېزىيە - كىنو باش ئىدارىسىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى يۈ بىنشى نەشرىياتنىڭ 60 يىللىق پارلاق مۇساپىسىنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى. مىللەتلەر نەشرىياتى 1953 – يىلى 1- ئاينىڭ 15 – كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، نەشرىيات ئىسمىنى زۇڭلى جۇ ئېنلەي ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن. 60 يىلدىن بېرى، مىللەتلەر نەشرىياتى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن – پەرمانلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىشنى ئۆزىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدا زور بىر تۈركۈم قەدىمكى ئەسەرلەرنى، لۇغەتلەرنى، تارىخي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىنى ھەم ئىلمىي ماقالىلار توپلاملىرىنى رەتلەپ نەشر قىلغان. يىللاردىن بېرى نەشر قىلغان موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە ۋە خەنزۇچە تۈرلۈك كىتاب – ژۇرناللار، ئۈن – سىن بۇيۇملىرى، ئېلىكتىرون نەشر بۇيۇملىرى 24 مىڭ خىلدىن، 280 مىليۇن پارچىدىن ئاشىدۇ.
خاتىرىلەش يىغىنىدا ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كۇتۇپخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئورگانلاردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە كىتاب تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى؛ مىللەتلەر نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد رەھبەرلىك يادروسىنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى نامايان قىلىندى؛ مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان موڭغۇلچە، تىبەتچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە، خەنزۇچە يېزىقتىكى كىتابلاردىن مىڭ پارچىدىن ئارتۇقى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق خىزمىتى جەھەتتىكى كۆلۈمى بىر قەدەر چوڭ بولغان كۆرگەزمە ھېسابلىنىدۇ.
خاتىرىلەش يىغىنىغا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى بۇخ، مەركىزىي بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سى تا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۇڭجيې، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋ، لو لىمىڭ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى شياۋمەن، دۆلەتلىك مىللەتلىرى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇ قاتارلىقلار خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
ۋاڭ جېڭۋېي مىللەتلەر نەشرىياتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ۋاڭ جېڭۋېي ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى كۈتۈپخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئورگانلاردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە كىتاب تەقدىم قىلماقتا.