ۋاڭ جېڭۋېي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 10732   يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-20 16:30:05

ۋاڭ جېڭۋېي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى

                 

ۋاڭ جېـڭۋېي مۇنداق تەكىتلىدى: بـاش شۇجـى شـى جىنـپىـڭـنىڭ شىنجـاڭـدا سۆزلىـگەن مـۇھىـم سۆزلىرىنـىڭ روھىـنى ئەستايىـدىل ئۆگىـنىپ ۋە ئىـزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدىشىمىز كېرەك

      5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ۋە مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي پارتگۇرۇپپىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى ھەم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك قارىشى، مىللەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدىشىمىز كېرەك.

      ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ھالقىشلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئۇنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق دۇچ كېلىۋاتقان مائارىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئولتۇراقلىشىش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرىغا ئەستايىدىل ياردەمدە بولۇش، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش بىلەن، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي تۈردە خەلق رايىدىكى قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنىڭ روھىدا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەمدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، دوستانىلىقى ئىپادىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى خەلق ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، بىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ھەققىدە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، مىللەتلەرنىڭ «ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش» باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلىشىمىز، كۆز ئالدىمىزدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز ۋە توغرا ئىگىلىشىمىز، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق ئۆتۈشى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدىشىمىز لازىم. مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەمدە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىك خىزمىتىنىڭ نۇقتىسى ۋە سالمىقىدا تۇرۇش بىلەن، ھەر مىللەت خەلقنى بارلىق زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىشلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىشىمىز لازىم. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى تارماقلار باش شۇجى سۆزلىگەن مۇھىم سۆزلەرنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئىقتىدارى ھەم رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاق بولغان، ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىدىغان، گۈللىنىپ روناق تاپىدىغان، مەدەنىي ئالغا باسىدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

                             تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى