4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 10547   يوللانغان ۋاقتى: 2013-10-12 14:48:40

4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى   يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

 

  4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 23 – سېنتەبىردىن 24 – سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى، بولۇپمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىشنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىشلىق تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.


  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستىراتېگىيەسى، كەسپ تەرەققىياتى، كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، سىياسەت مەدىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قىزغىن قوللاشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ بولۇپمۇ  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ  ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، مائارىپنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇپ، قوش تىل مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى قوللاش، ئىدىيە - سىياسىي تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي راۋاجلاندۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ يەرلىك كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەدەت بېرىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رايونلار، تارماقلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سالمىقىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نىشان – مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېسىل قۇرۇلۇش، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، خىزمەت مۇددىتى توشۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ سۇبيېكتىپلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە چىقىرىشى كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گو ۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى قوللاشنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشتا، يىرىك پىلان بويىچە بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىياسەت ئارقىلىق تەرەققىيارتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپ ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ دۆلەت ئېنىرگىيە بايلىقىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك بازىسىغا ئايلاندۇرۇش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. شىنجاڭچە زامانىۋى كەسپ سىستېمىسىنى ئورنىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشى دەپ بىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ كارخانىلار ھەمكارلىقىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرى، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپنى گۈللەندۈرۈشكە پائال يېتەكلەش كېرەك؛ ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ باراۋەر كېڭىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، ھەمكارلىق يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
     يىغىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئاشلىق – ياغ گۇروھى («جۇڭلياڭ» گۇروھى)، جېجياڭ «جۈيىڭ» گۇروھى ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن ئىنتايىن مۇھىم، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىنتايىن ئەمەلىي، قاراتمىلىقى، يېتەكچىلىكى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى، بىز چوقۇم يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە يەتكۈزۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.
     جاڭ چۈنشيەن، دۇ چىڭلىن، ياڭ جىڭ، گو شېڭكۇن، ۋاڭ جېڭۋېي يىغىنغا قاتناشتى. مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ۋە ئورۇنلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە - شەھەر ۋە شىنجاڭ قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 190 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.