لو لىمىڭ باش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تەكلىپ – تەۋسىيەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش يىغىنى ئاچتى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 14439   يوللانغان ۋاقتى: 2014-09-11 09:07:15

 لو لىمىڭ باش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تەكلىپ – تەۋسىيەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش يىغىنى ئاچتى

 
  8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ يىغىن چاقىرىپ، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 –يىغىنىدا ماقۇللانغان «چېگرا رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا قارار»نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بويىچە تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق چېگرا رايونلاردىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ھاسىل بولغان دوكلاتلار ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ باردى.
  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئالاقە ئىدارىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەتلىـك مىللەتلەر ئىشـلىرى كومىتېـتى، دۆلەتـلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ماكانلاشتۇرۇش - شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، قاتناش – ترانسپورت مىنىستىرلىقى، سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق 16 تارماقتىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۇيشىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.