لو لىمىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشتى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 14489   يوللانغان ۋاقتى: 2014-09-11 09:04:57

 لو لىمىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشتى

 
  8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەبرىكلەش ئۆمىكىنى باشلاپ، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتناشتى.
  لو لىمىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بېرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشلىرىدا پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 60 يىل جەريانىدىكى شانلىق مۇساپىسى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي ماڭغاندىلا، ئاندىن ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى، بارچە مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى ھەمدە يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ؛ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى، ئوبدان قوغدىغىلى ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؛ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ھەممە مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى سىياسىي كاپالەت، تۈزۈم كاپالىتى ۋە قانۇن كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ھەمدە ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىنى قوغداپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ۋە ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، ئاندىن ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلەتكىلى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؛ ھەر مىللەت ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بېرىش – كېلىش، ئالماشتۇرۇش، قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن مىللەتلەرنىڭ ئىناق ياشىشى، چىقىشىپ ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىشى ۋە ئىناق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق قەدىرلەپ ۋە ئاسراپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك چىڭ ئۇيۇشقاندىلا، ئاندىن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە ۋە زوراۋانلىق - تېررورلۇققا تۈپتىن زەربە بەرگىلى ھەم ئۇنى چەكلىگىلى بولىدۇ.
  لو لىمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلىشىپ ھەم تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، 18 – نۆۋەتلىك 2 - ، 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ھەمدە مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى؛ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپېڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇشى؛ ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق قىيىن ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىشلىق تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەم چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.
  
  
  
  
  سۈرەتتە: لو لىمىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاممىدىن ھال سورىماقتا
  
  مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەبرىكلەش ئۆمىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، قاتناش – ترانسپورت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 20دىن كۆپرەك ئالاقىدار تارماقتىكى يولداشلاردىن تەركىب تاپقان. تەبرىكلەش ئۆمىكى ئىلىدا بولغان كۈنلەردە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلىدى؛ چېگرا مۇداپىئە روتىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسىي قاتلام روتىسى ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، پېشقەدەم كادىرلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، شۇنداقلا يېزىلاردىكى بېيىشقا يول تاپقۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلاردىن ھال سورىدى، يەنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان، جۇڭگودىكى بىردىنبىر قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، 1954 – يىلى قۇرۇلغان. 2013 – يىلى، بۇ ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 143 مىليارد 930 مىليون يۈەن بولۇپ، 1954 – يىلىدىكىگە قارىغاندا 119 ھەسسە ئاشقان؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ساپ كىرىمى 30 مىڭ 710 يۈەن بولۇپ، 1954 – يىلىدىكىدىن 20 ھەسسە ئاشقان. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇلۇپ، ساياھەتچىلىك ئاساس قىلىنغان 3 – ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ قاينام – تاشقىنلىق مەنزىرىسى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان.
  60 يىلدىن بۇيان، ئىلىنىڭ سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان. 2013 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئەمەلىيلەشكەن ئىمپورت – ئېكىسپوت سودا ئومۇمىي قىممىتى 9 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 1989 – يىلىدىكىدىن ئۈچ مىڭ 673 ھەسسە ئاشقان. ئىلىنىڭ غەربكە قارىتا ئېچىۋېتىشتىكى ئىستىھكاملىق رولى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، «يېپەك يولى»نىڭ شىمالىدا ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئىلىدىكى 4 مىليون 710 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. 2013 – يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ شەھەر – بازارلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى 18 مىڭ 642 يۈەن بولۇپ، 1978 – يىلىدىكىدىن 58 ھەسسە ئاشقان؛ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى ئون مىڭ 615 يۈەن بولۇپ، 1954 – يىلىدىكىنىڭ 196 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. مائارىپ ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، يېزا – بازارلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە تەن سالامەتلىك ساپاسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.