«جۇڭگو مىللەتلىرى» 2014 - يىللىق 5 - سان

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2393   يوللانغان ۋاقتى: 2014-09-25 17:16:13

       قۇياش نۇرى زېمىنغا ئۆزىنىڭ ئىللىق ھارارىتىنى چېچىۋاتقان سىنتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە ژۇرنىلىمىزنىڭ 5 – سانى ئۆز قەرەلىدە نەشردىن چىقىپ تارقىتىلدى. سىز بۇ سان ژۇرنالنى ۋاراقلىسىڭىز، ئۇنىڭدىن ئېلىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلىرىدىن، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىنىڭ دۇردانىلىرىدىن، قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرىدىن زوقلىنىش ئىچىدە خەۋەردار بولىسىز ھەمدە ھەر بىر كىشىگە ئۆمرىدە بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان قىممەتلىك ياشلىقنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايسىز.... بۇ سان ژۇرنال سىزگە مول مەزمۇنلار، رەڭدار بەتلەر، ئۆزگىچە بەت لايىھەسى ۋە سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەر ئارقىلىق باشقىلار بېرەلمەيدىغان، بەرسىمۇ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ئەسلا ئوخشىمايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك مەنىۋى سوۋغات بولۇپ سۇنۇلىدۇ!...