مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق- تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق- تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى؛ لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ سۆز قىلدى؛ جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 28 –، 29 – سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ چوڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى؛ لى كېچياڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى؛ يۈ جېڭشېڭ يىغىن ئاخىرلاشقاندا خۇلاسە سۆزى قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر مەسىلىسى، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي ئىشەنچ ۋە غەيرەتكە كېلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆپ مىللەتلىك بولۇش ـــ ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھەم ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ بىر پايدىلىق ئامىل. ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى، كەڭ ۋە مۇنبەت تۇپرىقىنى ئورتاق ئېچىپ، جۇڭگونىڭ ئۇزۇن تارىخىنى ۋە پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان. جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭ ئائىلە بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بولسا چوڭ ئائىلىدىكى ئوخشىمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر. مىللەتلەر مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ــــ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە چېگرانى مۇستەھكەملەشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. پۈتكۈل پارتىيە ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئەتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە «قوش 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى»دىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن – سىياسەتلىرى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولى توغرا بولدى؛ ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق بولدى؛ مىللەتلەر خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىمىزمۇ بەزى يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكلەرگە دۇچ كەلمەكتە. مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشتەك توغرا يولنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن ئەتراپلىق لايىھەلەپ، سىياسەتنى بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ـــ ئېلىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، شۇنداقلا مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشتىكى توغرا يولنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بىردەكلىك بىلەن ئاپتونومىيەنى، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈشتە، ئاساسىي قانۇن بىلەن «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا ـــ ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىشتۇر.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى. مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ئاچقۇچ ـــ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى ئىشلەش، ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغىنى بولسا ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي ئېقىمنى توغرا تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پارلاق ئەتىسىنى كۆپرەك كۆرۈشىمىز؛ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مېھىر – مۇھەببەت ھاسىل قىلىپ، ئىناقلىق خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىشلىشىمىز؛ ھەر مىللەت خەلقنىڭ باردى – كەلدى قىلىش، پىكىرلىشىش ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەپۇچان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە ئۇرۇق – تۇغقاندەك بىر – بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىشىمىز؛ ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشىمىز؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز؛ چوڭ خەنزۇچىلىق ۋە تار مىللەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئومۇمىيىتىنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بەزى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى كۆپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما كۆپ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خېلىلا قىيىنغا چۈشۈۋاتىدۇ. شۇڭا تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ھالقىشلىق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز، تەرەققىي قىلغان رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا رايون، نامرات رايون، ئېكولوگىيەسى قوغدىلىدىغان رايونلارغا قارىتا پەرقلىق سىياسەت قوللىنىپ، يۆتكەپ چىقىم قىلىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىچكى يوشۇرۇن كۈچنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مائارىپنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى
يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش ـــ مەركەزنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ فاڭجېنى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىد، ئارزۇلىرىغا ماسلىشىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، بازارلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىشىمىز؛ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز؛ ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۈزۈكسىز تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۇل ئەسلىھە، يۆلەش – ئېچىش، شەھەر، بازارلاشتۇرۇش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزۈكسىز قېزىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا يول ۋە سۇ مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش لازىم. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىدا ھەم «چوڭ يوللار»نى راۋانلاشتۇرۇش، ھەم «چوڭ يوللار» بىلەن تۇتىشىدىغان «تۈگۈن»، «تارماق لىنىيە»لەرنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. بىر تۈركۈم ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، چوڭ تىپتىكى سۇ تەڭشەش قۇرۇلۇشى، چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرى ۋە غول ئېرىق – ئۆستەڭ، دەريا تورىنى بەرپا قىلىپ، يەرلىكنىڭ سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قوللاپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى ئاساس قىلىش كېرەك. تەپەككۇردە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ رايونلار تەرەققىياتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تايانچ رايونى، مۇھىم قاتناش غول لىنىيەسى پىلانى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مەنزىرە ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي خاسلىققا ئىگە بىر تۈركۈم كەنت – بازارلارنى پىلانلاپ قۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەۋزەل بايلىقلارنى ياخشى ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سەۋىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت كەسپلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەر ئىشلىتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق يۆلەش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە يەنىلا ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قىلىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ئوخشاشلا مەبلەغ سېلىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشنا رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ياخشىلاپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى بازار مېخانىزمى ئارقىلىق دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە ئورتاق راۋاجلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىن ئاخىرلاشقاندا خۇلاسە سۆزى قىلدى
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىكى باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىدى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتۇر. ھەم تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىش، ھەم ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىكى باراۋەرلىكنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ سېلىنمىسىدا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارغا مايىللىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى ھەقسىز يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئالىي مائارىپىنى ياخشىلاپ، «قوش تىل» مائارىپىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يۆلەش مەبلىغىنى ئاساسلىقى خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا ئىشلىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەر مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتا، ماددىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنىمۇ، مەنىۋى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنىمۇ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا تۈرلۈك ناتوغرا ئىدىيە – قاراشلارغا قارشى تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىسىنىڭ چوڭ ھەق – چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئۇزاق ۋە تۈپ مەسىلە ـــ مەدەنىيەتنى تونۇشنى كۈچەيتىش بولۇپ، ھەممە مىللەتكە ئورتاق بولغان مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر گەۋدە» دەيدىغان تونۇشنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. بارچە مىللەتكە ئورتاق بولغان مەنىۋى ماكان قۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئىدىيەسىنى ھەر بىر بالىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنىلار كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر رايون ھالقىپ باشقا جايلارغا يۈرۈشۈش مەزگىلىگە قەدەم قويغاچقا، شەھەرلەردە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. شۇڭا، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان كۆچمە نوپۇسلارغا «ئىشىكنى تاقىۋېلىش» پوزىتسىيەسىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش پوزىتسىيەسىنى قوللىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، بۇنىڭدا مۇھىمى بارغان رايون بىلەن كەلگەن رايوننىڭ ئالاقىسىدىكى ئۇلىنىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك. مەۋقەنى مەھەللىلەرگە قويۇپ، ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى كەمسىتىدىغان ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا كەمسىتىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا ئازار بېرىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ ۋە تۈگىتىپ، شەھەرلەرگە كىرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى دۆلەت قانۇنى ۋە شەھەر باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاكتىپ رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى شەھەرلەرگە تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە ۋە ئادەمدە. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلا بولساق، ھەرقانداق كىشى ۋە ھەرقانداق سىياسىي كۈچ مىللىي مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزالمايدۇ؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىمىزنى سىياسىي ئاساستا بىرلىككە كەلتۈرىدىغانلا بولساق، ئىتتىپاقلىقىمىز تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى سىياسىي جەھەتتىن پۇختا ئىگىلەش ۋە سىياسىي نەزەردە قاراشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ياخشى كادىرلار چوڭ ھەق – چوڭ ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانى ئالاھىدە سەزگۈر بولۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي بولۇشى، ھەر مىللەت ئاممىسىنى قىزغىن سۆيۈشتە ئالاھىدە سەمىمىي بولۇشى كېرەك. ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەرلىرىنى مۇھىم رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا قويۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بولسۇن ياكى خەنزۇ كادىرلار بولسۇن ھەممىسى پارتىيە، دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھىم بىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىشنى ئويلىشى، خىزمەتلەرنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتكوم رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، ئالاقىدار تارماقلار تەڭ ماسلىشىش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق ھەمكارلىشىشتەك مىللەتلەر خىزمىتى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھەيئەتلەر تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولى، نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتى، تۈزۈمى ۋە قانۇنى، خىزمىتى ۋە ئەمەلىيىتى قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، ئىدىيەۋى جەھەتتىكى چوڭقۇرلۇق، سىياسەت جەھەتتىكى روشەنلىك ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سۆز يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى ھېسابلىنىدۇ. لى كېچياڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ئالاقىدار مۇھىم تەدبىر، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىدىيە، تونۇش ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ – چوڭ فاڭجېنى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك؛ نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ خىزمەتلەرنى پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تارىخنىڭ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ياخشى تۈزۈلمە مىخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
يىغىندا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى 1496 ئۈلگىلىك كوللېكتىپ ۋە ئۈلگىلىك شەخس تەقدىرلەندى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن ئۈلگىلىك كوللېكتىپ ۋە ئۈلگىلىك شەخسلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ «گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ ۋە ئۈلگىلىك شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلدى. يىغىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر بايان قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، رايون - شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ھەمدە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە مەسئۇللىرى؛ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، مۇناسىۋەتلىك خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ ھەربىي ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ مەسئۇللىرى؛ تەقدىرلەنگەن ئۈلگىلىك كوللېكتىپ ۋە ئۈلگىلىك شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى؛ شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەندىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر؛ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى پەخرىي ۋەكىللەر قاتارلىقلاردىن بولۇپ، 1100 كىشى يىغىنغا قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ھەرقايسى ئۆلكە، رايون، شەھەرلەردە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەردە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.