دەنجۇ ئاڭبېن «مىللەتلەر مەدەنىيىتى چوڭ دەرسخانىسى»دا تۇنجى بولۇپ دەرس سۆزلىدى
دەنجۇ ئاڭبېن «مىللەتلەر مەدەنىيىتى چوڭ دەرسخانىسى»دا تۇنجى بولۇپ دەرس سۆزلىدى
5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»دا «مىللەتلەر مەدەنىيىتى چوڭ دەرسخانىسى» ئېچىلدى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن «مەنىۋى يۇرتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا تۇنجى بولۇپ دەرس سۆزلىدى.
لېكسىيە «مەنىۋى يۇرت دېگەن نېمە»، «مەنىۋى يۇرتىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى قانداق»، «مەنىۋى يۇرت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى»، «مەنىۋى يۇرت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى» دېگەندىن ئىبارەت تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپتى. بۇ قېتىمقى بىرىنچى بۆلەكتە دەنجۇ ئاڭبېن ««مەنىۋى يۇرت دېگەن نېمە» دېگەن تېمىغا چۈشەندۈرۈش بەردى. ئۇ، مەنىۋىيەتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەم ماھىيىتى، مەنىۋى يۇرت بىلەن ماددىي يۇرتنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە پەلسەپىۋى يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن چۈشەنچە بېرىپ، مەنىۋى يۇرتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈردى.
دەنجۇ ئاڭبېن «مەنىۋى يۇرتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە
«مىللەتلەر مەدەنىيىتى چوڭ دەرسخانىسى» «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى» ئىچكى قىسمىدىكى ئۆگىنىش – ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ «مەدەنىيەت مۇنبىرى»دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «مەدەنىيەت مۇنبىرى» يولغا قويۇلغان يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ تەرەپلەرنىڭ ھەمدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى رەھبەرلىرى بۇ پائالىيەتكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. چوڭ دەرسخانىدا ھەر ئايدا بىر قېتىم دەرس سۆزلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى دەرس باشلاش نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىشىنى مۇقەددىمە قىلدى. نۇتۇقلار ئارقىلىق ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئامما ئارىسىغا داۋاملىق كېڭەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «مىللەتلەر مەدەنىيىتى چوڭ دەرسخانىسى»نىڭ پەيدىنپەي زورايتىلىشى ۋە كۈچەيتىلىشى، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىلىشى ھەمدە تەسىر كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى دەرس باشلاشقا «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى» پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى گۇڭ جاۋچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئورگىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل خادىملار ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قارىمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»دىكى كەسپىي تېخنىك خادىملار ۋەكىللىرى بولۇپ، 100 نەپەردىن كۆپرەك كىشى قاتنىشىپ دەرس ئاڭلىدى.
تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى