دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2014 – يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت يىغىنى ئاچتى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى
2014 – يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت يىغىنى ئاچتى
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركىزى خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك
4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2014 – يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار مەركەزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىق يارىتىشى؛ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى؛ مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى مۇھىم بىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىردىشىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي تەلىپى مۇنۇلار: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇش؛ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ 28 – نۆۋەتلىك پارتىيە خىزمىتى يىغىنى ھەم 26 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەت تىپىدىكى، ئىجادچانلىققا ئىگە ماركسىزىملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇش يۆنىلىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا، مۇلازىمەت مەركىزى ھەمدە قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى «مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى مۇھىم بىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىردىشىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، ئورگان پارتىيە خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تەرەققىيات ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش، شۇنداقلا جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى لازىم.
ۋاڭ جېڭۋېي يىغىندا سۆزلىمەكتە
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچىدىن، نەزەرىيە بىلەن مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشىمىز، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئـۆگىـنىپ ئـۆزلەشـتۈرۈشىمىز لازىم. نـەزەرىـيەۋى قورال ـــ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ روھىدۇر. كۆز ئالدىمىزدا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى خىزمەتلىرىنىڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ چىڭ، ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، تەشۋىقات ھەم شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كېڭەيتىش سۇپىلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇللىرىنى دائىم ئۆگىنىشىمىز، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز لازىم. ئۆگىنىشنى سىستېمىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مېڭىمىزنى ھەقىقىي تۈردە «جۇڭگو ئارزۇسى» ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئۆز – ئۆزىمىزگە، نەزەرىيەگە ۋە تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىشىمىز لازىم.
ئىككىنچىدىن، مەركىزىي خىزمەت ۋەزىپىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك 6 – نۆۋەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش چوڭ يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنى ياخـشى ئېچىـشقا پۈتـۈن كـۈچ بىـلەن تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك 6 – نۆۋەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش چوڭ يىغىنىنى ئېچىشىغا تەييارلىق كۆرۈش ــــ بۇ يىللىق مۇھىم خىزمەتلەر ئىچىدىكى مۇھىم خىزمەت، شۇنداقلا پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىدۇر. شۇڭا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىمۇ باشتىن – ئاخىر مۇشۇ خىزمەت لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، مۇشۇ خىزمەت نۇقتىسىنى باشتىن – ئاخىر گەۋدىلەندۈرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ يىغىنلارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھالقىلىق باسقۇچقا كىرىپ بولدى. ئورگاندىكى ھەرقايسى تارماقلار، كومىتېت قارىمىقىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئىدىيە ھەم ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يىغىنلارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە پۈتۈن نىيەت بىلەن كىرىشىپ ھەم بۇ خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەپ، يىغىنلارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە پارتگۇرۇپپىنىڭ تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىشى، قانائەتلىنەرلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر چاغدا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىـۋەتلىك چـوڭ مەسىـلىلەرنى تەتـقىق قىلىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشىمىز لازىم. پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم قارار ماقۇللانغان ئىدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇشىمىز، يېڭىچە پىكىر يوللىرى ھەمدە يېڭىچە تەدبىرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز، يېڭى ۋەزىيەت ھەم ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلىشىمىز، كونكرېت خىزمەتلەردە سىياسىينى سۆزلەپ ھەم يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن ئىستراتېگىيەنى تەكىتلەپ، تۈرلۈك پايدىلىق شارائىت ۋە ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەتلىرىنى ئورتاق ھالدا ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم. مۇلازىمەت تىپىدىكى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا باشلامچىلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىغان پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلاملارغا، ئەمەلىيەتكە، ئاممىغا يېقىنلىشىشتىكى خىزمەت ئۇسۇللىرىنى لايىھەلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز؛ ئىجادچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر خىزمىتى ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇللىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز لازىم.
تۆتىنچىدىن، رەھبەرلىك كوللېكتىپى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشى، پارتىيەنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مەزكەزلەشتۈرۈش ۋە ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تـۇتـۇشى ــــ ئۆز كەسپىي خىزمىـتىم، پارتىـيە قۇرۇلۇشـىنى تۇتماسلىق ــــ ئۆز ۋەزىپەمنى ئادا قىلمىغانلىقىم، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتمىغانلىقىم ــــ خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقىم» دەيدىغان ئىدىيەنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرى نەمۇنە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى لازىم. رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتىكى مۇھىم ھالقىسى مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىدىن باشلاپ تۇتۇش، پارتگۇرۇپپا قەرەللىك دوكلات ئاڭلاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇۋاتقان تارماقلار ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش – پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئەھۋاللىرىنى پارتگۇرۇپپىغا قەرەللىك دوكلات قىلىپ تۇرۇش لازىم؛ ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل خادىملار كومىتېتتا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ۋە تارماقلارغا مەسئۇل پارتگۇرۇپپا ئەزالىرىغا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىپ تۇرۇشى، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلاملارغا ھەر ۋاقىت چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۈلگە كۆرسىتىش ھەم ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
بەشىنچىدىن، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن بارلىققا كەلتۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نۆۋەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇھىم بىر تۈرلۈك ۋەزىپە ـــــ مىللەتلەر ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى ۋە تەرتىپكە سېلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كومىتېتتىكى كادىرلار قوشۇنى ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەڭ كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتۇر. بىز كادىرلار قوشۇنىنى مۇشۇ نىشان بويىچە بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاساس، تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى كاپالەتتۇر. كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش، باشقۇرۇشتا تېخىمۇ قاتتىق بولۇش لازىم. رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قانۇنغا نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى؛ ياخشى ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن نامايان قىلىپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەش ئارقىلىق، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ بىر پۈتۈن ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
ئالتىنچىدىن، مۇكەممەل تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مەركەز قىلغان ھالدا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىشىمىز لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە قائىدە – تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ھەم ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خىل ئىستىل»غا قارشى تۇرۇش، ئىستىلنى ياخشىلاش قائىدە – تۈزۈملىرىنى ئۈزۈكسىز تۇرغۇزۇپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم، ئىش ۋە مال - مۈلۈكلەرنى قاتتىق ئىنتىزام ۋە قېلىپلاشقان تۈزۈملەر بويىچە باشقۇرۇشىمىز لازىم. بۇ يىل ئېچىلىدىغان بىرقانچە مۇھىم يىغىنغا تەييارلىق قىلىشنى مۇھىم ھالقا قىلىپ، «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش - يېڭىلىق يارىتىش، دۇرۇس ھەم پاك بولۇش»تىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك كەيپىياتنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش؛ ئادىل ھەم روشەن، ساپ ھەم توغرا بولغان مۇھىت يارىتىپ، ھەربىر كادىرنى چىن كۆڭلىدىن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ھەم مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، پۇختا ھەم ئەستايىدىل ئىش قىلىش، ساپ ھەم دۇرۇس ئادەم بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرىنى ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.
تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى