ۋاڭ جېڭۋېي بېيجىڭدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 10250   يوللانغان ۋاقتى: 2013-10-12 14:45:19

ۋاڭ جېڭۋېي بېيجىڭدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

     9 - ئاينىڭ 29 – كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي بېيجىڭدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شېن بېيخەي، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جى كاڭ بىلەن كۆرۈشتى.
     ۋاڭ جېڭۋېي گۇاڭشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە (رايون)لار مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە (رايون)لارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: گۇاڭشى ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئەمەلىي ئەھۋاللار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ھەل قىلىشقا تېگىىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر تۇرۇپتۇ. گۇاڭشىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى پۈتۈن مەملىكەتتە نىسبتەن ئاستا، ئاساسىي ئەسلىھەلەر بىر قەدەر قالاق، نامراتلىقنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، مائارىپ تەرەققىياتىدىكى پەرق يەنىلا بىر قەدەر زور ھەم قىيىنچىلىق كۆپرەك بولۇپ، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ زور قوللىشىغا ۋە ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجىلىق بولماقتا.
     ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ گۇاڭشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە كونكىرت تەتقىق قىلىشىنى ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ گۇاڭشىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە (رايون)لار مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
      دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇ، بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىڭزې، مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى چۇنلىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ زېچاڭ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بيەن جىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
    


     ۋاڭ جېڭۋېي دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى.