مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى، سىردىشىشنى مۇھىم بىلىش كېرەك
مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى، سىردىشىشنى مۇھىم بىلىش كېرەك
ـــ مىللەتلەر خىزمىتىدە ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزگىلىدە، ماۋ زېدۇڭ جۇڭنەنخەينىڭ خۇەيرېنتاڭ زالىدا ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت سەنئەت ئۆمەكلىرى ئويۇن قويۇپ بەردى... بۇ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مەنزىرە ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋال، مەنزىرىلەر ماۋ زېدۇڭنىڭ شائىرانە تۇيغۇسىنى قوزغىدى. ماۋ زېدۇڭ شائىر ليۇ يازى بىلەن بىرلىكتە «قان قېرىنداشلار ئۇسسۇلغا چۈشتى خۇشال بەزمىدە»، «بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» دېگەن مىسرالارنى يېزىپ، خەلقنىڭ داھىيسىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە ئورناتقانلىقىدىن ئىبارەت تىلدا داستان بولغۇدەك گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇردى.
ئاممىۋى لۇشيەن ــــ پارتىيەنىڭ ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى بېكىتكەن تۈپ خىزمەت لۇشيەنى. مىللەتلەر خىزمىتى ئاممىۋى خىزمەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، ھەر مىللەت ئاممىسىنى قېرىنداش بىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ھەممە ئىشتا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش، ھەممە ئىشتا ھەر مىللەت ئاممىسىغا تايىنىشتىن ئىبارەت. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، «مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى مۇھىم بىلىش، نورمال ئەھۋالنى چىڭ تۇتۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىردىشىشنى، دىلكەش بولۇشنى مۇھىم بىلىش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەش كېرەك، دېمەكتۇر. بۇمۇ پارتىيەمىزنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى مىللەتلەر خىزمىتى داۋامىدا بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل. يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىمۇ بۇ ئىدىيەدە قىلچە تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرۇشىمىز، بۇ ئۇسۇلنى ياخشى قوللىنىشىمىز كېرەك.
1
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى تارىخى پارتىيەمىز ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللىرىدە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئازاد قىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش تارىخى، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ھەقىقىي گۈللەندۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تارىخىدۇر.
ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، پارتىيەمىز «قولغا كەلتۈرۈش، ئىتتىپاقلىشىش، بىرلىشىش» سىياسىتىنى تەكىتلەپ ۋە يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا مەركەز قىزىل ئارمىيەسى رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ قوماندانى ليۇ بوچېڭ يىزۇ مىللىتىدىن بولغان گوجى جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى يېدەن يىخەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ لياڭشەن يىزۇلار رايونىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، خەتەرلىك دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەن. قىزىل ئارمىيە نىڭشيادىن ئۆتكەندە، خۇيزۇ ئاممىسىنى قوزغاپ، يۈخەي ناھىيەلىك خۇيزۇ ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئالدىنقى سىگنالىنى بەرگەن؛ «ئىۋرىققا سۇ توشقۇزۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ «قىزىل ئارمىيە قۇدۇقى» قېزىشىغا ياردەملىشىپ، خۇيزۇ ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ۋۇ لەنفۇ ئىچكى موڭغۇلنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا ئاممىنى كەڭ قوزغاپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى بارلىق ئاماللار بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاممىۋى ئاساس سالغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە پارتىيەمىز كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەھەتتە بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە تېزلا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. ماۋ زېدۇڭ ھەممە ئىشلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قىلىشنى تەكىتلىگەن. جۇ ئېنلەي: «مىللەتلەر خىزمىتىدە ‹ئېھتىياتچان، پۇختا› بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇختا، كەڭ، ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسەت يولغا قويۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن خەلق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ماۋ زېدۇڭ «ئامما ئارىسىدىن چىققان ئامما داھىيسى» دەپ نام بەرگەن شى جۇڭشۈن چىڭخەيلىك زاڭزۇ ئاڭلا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى شياڭ چيەننىڭ قايتا - قايتا توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، «جۇ گېلياڭدىنمۇ يامان» بولغان 10 قېتىملىق قولغا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇنى چىن قەلبىدىن قايىل قىلغان ھەمدە كۆپلىگەن مىللىي ۋە دىنىي خادىملارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، غەربىي رايونلاردا كۆپلىگەن مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلغان. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتكەن. ئاچقۇچلۇقى شۇكى، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، دوست تۇتۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. مەملىكەت خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش جەھەتتە، پارتىيەمىز ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، سىياسەتلەرنى جانلىق ئىجرا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كۈچەيتكەن. مەسىلەن، خەنزۇلار رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان يەر ئىسلاھاتىدا «يۈزمۇ يۈز» كۈرەش ئېلىپ بارغان بولسا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا «دەرقەمدە تۇرۇپ» كېڭىشىش ئېلىپ بارغان. مەركەز رەھبەرلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە خىزمەتنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشى ئىشلەپ، ئۈلگە كۆرسەتكەن. ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن ئالاقە قىلىشى توغرىسىدىكى ھېكايە، جۇ ئېنلەي مىللىيچە كىيىم - كېچەك كىيىپ، شىشىۋاڭبەننادا دەيزۇلارنىڭ سۇ چېچىش بايرىمىغا قاتناشقاندىكى كۆرۈنۈشلەر تارىخىي ئەسلىمىلەردە چوڭقۇر ساقلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئەسلىنىپ كەلمەكتە. كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان «قەد كۆتۈرگەن قۇللار ناخشىسى»، «ئاۋام خەلقنىڭ يېڭى ناخشىسى»، «قىزىل قۇياش چېگرا رايونلارنى يورۇتتى»... قاتارلىق ناخشىلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خەلق داھىيسىغا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان پاك قەلبىنى مەركەزلىك ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئاڭلىساقمۇ يەنىلا ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي دوستلۇقنى تەسىرلىك ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا تايىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى. دېڭ شياۋپىڭ شىزاڭ خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ «ئاچقۇچ − شىزاڭ خەلقىگە پايدىلىق بولۇشقا قانداق قاراش» دېگەننى تەكىتلەپ، ئۇنى شىزاڭ خىزمىتىگە باھا بېرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلدى. جياڭ زېمىن تۇرپاندا ئۇيغۇرلار ئاممىسى بىلەن «مەشرەپ» ئۇسسۇلى ئويناپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولدى؛ خۇ جىنتاۋ گۇيجۇ چيەنشەن بۇيىزۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كەنتىدە بۇيىزۇ ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە زىبا تامىقى ئېتىپ، باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئائىلە ئىشلىرىنى، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراپ، غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى. پارتىيەنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ سەنيانىڭ جىڭگاڭشەن پاراخوتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ئايال ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خېتىگە سەمىمىي جاۋاب قايتۇردى؛ خۇنەن شياڭشى تۇجيازۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامرات كەنتلىرىدىن بىرى بولغان مياۋزۇ كەنتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدى. ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى سوراپ، كىرىم - چىقىمىنى ھېسابلاپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىمۇ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئىجرا قىلىپ كەلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق بىرىنچى شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ 40 نەچچە ياشقا كەلگەندە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشنى باشلاپ، 70 ياشقا يېقىنلاشقاندا قايتىدىن شىنجاڭغا خىزمەتكە قايتقاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەتقىق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئائىلىسىدە تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا بىللە بولۇپ، بىر تۇرغانچە بىر يېرىم ئاي تۇردى. شىزاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، ھەربىي رايـون باش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى لى سۇجى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە دەرد - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە 30 نەچچە يىل تۇرۇپ، 1 مىليون كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، ئارمىيە ۋە خەلق ئۈچۈن 210 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم - قېتىم كېسەل كۆردى. زاڭزۇ ئاممىسى ئۇنى كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزغۇچى «رېئاللىقتىكى بۇدساتۋا»، «قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆڭلىگە پۈككەن ياخشى دوختۇر» دەپ ئاتىدى... ئامما بىلەن ئىچ قويۇن - تاشقويۇن بولغان، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان مۇشۇنداق ئۇسۇللار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىدە ساقلانماقتا.
«داغدام يولدا ماڭغاندا مەنزىلگە يەتمەك ئاسان». پارتىيەمىزنىڭ 90 يىللىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى مۇھىم بىلىش، نورمال ئەھۋالنى چىڭ تۇتۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىردىشىشنى، دىلكەش بولۇشنى مۇھىم بىلىش؛ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولى ماڭغانسېرى داغدام بولىدۇ.
2
ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەيلى جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا بولسۇن ياكى بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنيا مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بولسۇن، پارتىيەمىز مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ كەلدى. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى پۇختا، سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزۈكسىز مۇستەھكەملىنىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرگىنى يوق. لېكىن، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىز ئىسلاھات چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىتىدا مۇھىم ئۆزگىرىش بولدى. جانلىق تىل بىلەن ئېيتقاندا، مىللەتلەر خىزمىتى «شەھەرگە يۈزلەندى»، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى چېگرا رايونلار ۋە يېزا - چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن شەھەرلەرگە ۋە شەرقىي قىسىم رايونلارغىچە سوزۇلدى؛ مىللەتلەر خىزمىتى «دېڭىزغا چۈشتى»، تۈزۈلمە مۇھىتى پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆزگەردى؛ مىللەتلەر خىزمىتى «دۇنياغا يۈزلەندى»، خەلقئارا ئامىللار بىلەن ئىچكى ئامىللار زىچ بىرلىشىپ كەتتى؛ مىللەتلەر خىزمىتى «تورغا چىقتى»، تور دۇنياسىنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى كۈنسايىن كۈچىيىپ بارماقتا؛ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستى»، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە ئېڭى، قانۇنچىلىق ئېڭى، ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى ئۈزۈكسىز ئۆستى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.
بىرىنچى، ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان كۈرەش يەنىلا كەسكىن. خەلقئارا دۈشمەن كۈچلەر مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشتىكى پېشكا قىلىپ، قانداقتۇر «مىللەت»، «دىن» مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنى غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى بوغۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولۇۋاتىدۇ. دۈشمەن كۈچلەر قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ، تۈرلۈك تار، رادىكال پىكىر ئېقىملىرى يامراپ كېتىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز بىلەن چېگرالاردىكى پۇقرالارنى تالىشىدىغان ئۇششاق - چۈششەك ھەرىكەتلەر ئۈزۈلمەي داۋام قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە 14 - دالاي گۇرۇھى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋەقە پەيدا قىلماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى ھەدەپ خۇنۈكلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ، ئەھۋالنى ئېنىق ئۇقمايدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئاممىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشتەك قايتماس يولغا باشلىماقتا. بۇ ھال كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزمەكتە. «كۆڭۈلنى ئالغان جاھاننى ئالۇر». دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىز بىلەن ئاممىنى تالىشىشى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىدىغان تالىشىش جېڭىدۇر. كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش، خەلقنىڭ رايىنى قولغا كەلتۈرۈش − غەلىبە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى.
ئىككىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بېسىمى ھەسسىلەپ ئاشماقتا. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرا - شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار ۋە شەھەرلەرگە كېلىپ ئوقۇدى، ئىشلىدى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتى، ھەر مىللەت ئاممىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە كەڭ، چوڭقۇر ئالاقە ئېلىپ باردى. بۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇجەسسەملىشىشى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشقاقلىقى تېخىمۇ چوڭ بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشىدىكى بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك باسقۇچ، شۇنداقتىمۇ بەزى زىددىيەت ۋە ماجىرالار مۇقەررەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر - بىرىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان، بەزىلىرىنى ئوخشاش بولمىغان مىللەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى پەيدا قىلغان. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، لاسا «41 - مارت»، ئۈرۈمچى «5 - ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، مۇئەييەن رايونلار، مۇئەييەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان دېلولار، ۋەقەلەر بەزىدە يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يەنىلا ئارقىدا بولۇشى، تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن بولغان پەرقىنىڭ چوڭىيىشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېتەرسىزلىكى بولۇپ قېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆڭلىدە تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىدېئولوگىيە كۈرىشى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ئىجتىمائىي ناچار كەيپىياتلار ۋە ھالەتلەر كۆپىيىپ قالدى. بۇ ئەھۋاللار مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. مىللىي ئامىلغا چېتىلىدىغان زىددىيەت - ماجىرالارنى ئۈزۈكسىز پەيدا قىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى قىيىنلاشتۇردى ۋە ئېغىرلاشتۇردى، بۇ جەھەتتە ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.
يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمز كېرەككى، بىزنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىزدە مۇۋاپىق بولمىغان بەزى ئۇسۇللارمۇ مەۋجۇت. بەزى جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس. ئۇلار ئاۋارىچىلىكتىن، ئىش چىقىپ قېلىشتىن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇپ، باشقۇرۇشنى خالىمايۋاتىدۇ، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلمايۋاتىدۇ ۋە باشقۇرۇشنى بىلمەيۋاتىدۇ؛ بەزىلەر ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ياكى «پۇل خەجلەپ ئامانلىق سېتىۋېلىش»تەك ئاددىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ، بەزى كىچىك ماجىرالار بىلەن چوڭ خەۋپلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئايرىم جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشكە ماھىر بولماي، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىغا ھاكاۋۇرلۇق پوزىتسىيەسىنى تۇتماقتا، خىزمەت ئۇسۇلى جەھەتتە ئاددىي، قوپال ئۇسۇل قوللانماقتا. ھەتتا نەپسى يوغىناپ، خەلق بىلەن مەنپەئەت تالاشماقتا، بۇ ھال ئاممىنىڭ قارشىلىق كەيپىياتىنى قوزغىماقتا. بەزى كۆزنەك كەسىپلەر مۇئەييەن رايونلار، مۇئەييەن مىللەت ئاممىسىنى ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى قىلىدىغان نامۇۋاپىق ئۇسۇللار ساقلانماقتا، بۇ ئۇسۇللار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر ئازار بەردى، ھەتتا يامان غەرەزلىك كىشىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇنداق ۋاقىتلىق بىخەتەرلىكنى دەپ ئۇزاق مۇددەتلىك ئامانلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەتلەر پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگىمۇ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. بىز شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، باردى - كەلدى قىلىشقا تايانماي تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش بىلەن ساقلىغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ، بەلكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى زىچ ئالاقە قىلىش، بىر - بىرىگە ئىشىنىش، بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.
كۆپچىلىك: يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدۇق، نۇرغۇن مەبلەغ سالدۇق، لېكىن مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر نېمىشقا يەنىلا ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئويلانماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى، بۇ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كونكرېت ئىنكاسى؛ تېخىمۇ مۇھىمى، ئاممىۋى لۇشيەننىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە ئۈزۈل - كېسىل، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك بولمىغانلىقىدا. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تۇتۇش كۆپ، ئاممىۋى خىزمەتنى تۇتۇش ئاز بولدى؛ ماددىي مەبلەغ سېلىش كۆپ، ھېسسىيات مەبلىغى سېلىش ئاز بولدى؛ بىر مەزگىللىك مۇقىملىققا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە سەل قارالدى. بۇ ھال تەرەققىياتنى، مۇقىملىقنى تۇتۇشتىكى چارە - تەدبىرلەر كۆپرەك بولۇش، خىزمەتنى ئەمەلىي ئىشلەش، ئىتتىپاقلىقنى ۋە ھېسسىياتنى تۇتۇشتىكى چارە - تەدبىرلەر ئازراق بولۇش ھەمدە خىزمەتتە بوشلۇق قېلىش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «كىچىك ئىشلارنى ئەقىل - پاراسەت بىلەن ھەل قىلىش، چوڭ ئىشلارنى ئەدەپ - ئەخلاققا تايىنىپ ھەل قىلىش» كېرەك. بىز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيىتى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلىمىزنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ئۇسۇلىمىزنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سىردىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا خىزمەتتە، تۇرمۇشتا ۋە سىرتلارغا چىققاندا قەيەردە، قايسى شەھەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بولغان، قەلبى ۋەتىنىمىزگە تەلپۈنىدىغان، ئۆزلۈكىدىن ئالاقىنى كۆپەيتىپ چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىر - بىرى بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان، ئىناقلىق ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدىغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدىشىمىز كېرەك.
3
پارتىيەنىڭ 18 - قۇرۇلتىيى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش» ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى شەرھلەپ ئۆتتى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى يۈز يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگو ئارزۇسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە ھەم ئۇزاق مۇددەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىرقاتار مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مىللەتلەر خىزمىتىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش» كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى» ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر خىزمىتى ئۈچۈن غايەت زور ئىجابىي كۈچ قوشتى. جۇڭگودا، ۋەزىپە دېگىنىمىز، 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. قىيىنچىلىق دېگىنىمىز، 56 مىللەتنىڭ ئورتاق قىيىنچىلىقى؛ ئىستىقبال دېگىنىمىز، 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ئىستىقبالى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ـــ ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش 56 مىللەتتىن، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ مۇجەسسەملەشكەن قۇدرەتلىك كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىللەتلەر خىزمىتىدە گەۋدىلىنىدۇ، يەنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق بولىدىغان ئىتتىپاقلىق ئارزۇسىنى، ھەرقايسى مىللەتلەر زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىدىغان تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىز ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ئوبدان مېڭىپ، «مىللەتلەر خىزمىتىدە ئادەتتىكى ۋاقىتنى مۇھىم بىلىش، نورمال ئەھۋالنى چىڭ تۇتۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا سىردىشىشنى، دىلكەش بولۇشنى مۇھىم بىلىش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئۈزۈكسىز ئالغا سۈرۈشىمىز كېرەك.
پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆز - ھەرىكەتلەرنى قاتتىق چەكلەش ھەم قاتتىق جازالاش كېرەك. مىللەتلەر سىياسىتى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ھاياتى، مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. ھەزەر ئەيلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، نۆۋەتتىكى كۈندىلىك خىزمەتلەردە، ئىجتىمائىي ھاياتتا، بولۇپمۇ تور بوشلۇقىدا مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ سۆز - ھەرىكەتلەر، ئۇسۇللار بەزىدە كۆرۈلمەكتە. مىللەتلەر سىياسىتى، مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى بىلمەسلىك، مىللەتلەر سىياسىتى، مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنىڭ قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىقلار مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر. بۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، بىز ھەم مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كونكرېت سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە يېڭىلاپ، مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قاراتمىلىقى، قوللىنىشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يۈرۈشلۈك قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە كۆزنەك كەسىپلەرنى تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. كۆزنەك كەسىپلەرنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشىغا بولغان نازارەتچىلىك - تەكشۈرۈشنى، توردىكى مىللەتلەر ئامىلىغا چېتىشلىق بولغان سۆزلەرگە قارىتا يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامۇۋاپىق سۆزلەر كۆرۈلگەن تور بېكەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ناچار تەسىرلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تۈگىتىشىمىز كېرەك. قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلارنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش، شەكىلۋازلىقتىن، ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلىش، باھانە ئىزدەپ، ساختىلىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. بالايىئاپەت «سۇ تامچىسىدىن كۆل توشقاندەك» كىچىكىدىن باشلىنىپ چوڭىيىدۇ. مىللەتلەر سىياسىتى، مىللەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى تور توقۇغاندەك ئىنچىكىلىك بىلەن ئىجرا قىلساق، ئالاقىدار قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپ قىلىمشلارنى چاقماق تېزلىكىدە بىرتەرەپ قىلساقلا، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە «تۆمۈر قالقان» كىيدۈرەلەيمىز، «ئالتۇن تون» ياپالايمىز.
پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى قايتا تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەرنىڭ پەرھىزىگە قەستەن چېقىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، كۆپىنچىسى چۈشەنمەسلىكتىن بولغان. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، يېقىندىكى بىر قېتىملىق مەملىكەت دائىرىسىدە مىللەتلەر سىياسىتى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغىنىغا 30 يىل بولدى، يېڭى بىر قېتىملىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالدى. تەشۋىقات، تەربىيەدە ياشلار - ئۆسمۈرلەر ۋە ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، ئاممىنى تەربىيەلەش، ھەم خەنزۇلارنى، كادىرلارنى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش كېرەك. كۆپچىلىككە شۇنى تونۇتۇش كېرەككى، بىزنىڭ دۆلىتىمىز 56 قېرىنداش مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە، كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە، ھەممە مىللەت بىرلىكتە ياشاپ بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىرسى گۈللەنسە، ھەممىسى گۈللىنىدۇ، بىرسى زىيانغا ئۇچرىسا، ھەممىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ. كەڭ قورساق بولۇش گۈزەل ئەخلاق ھەم تېخىمۇ ئاقىلانىلىقتۇر؛ ئىتتىپاقلىق − كۈچ بولۇپ، تېخىمۇ ئومۇمىيەتتۇر. ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىنى شۇنى تونۇشقا يېتەكلەش كېرەككى، ھەر بىر پۇقراغا باراۋەرلىك ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش قانۇننىڭ تۈپ تەلىپى. ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ، كۆپچىلىكنى قانۇن ئۆگىنىشكە، قانۇندىن خەۋەردار بولۇشقا، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا، قانۇن ئارقىلىق ئىش قىلىش ۋە ھوقۇقىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك. چوڭ قائىدىنى سۆزلەش، كىچىك قائىدىنىمۇ سۆزلەش كېرەك. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، كۆپچىلىككە شۇنى چۈشەندۈرۈش كېرەككى، بىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى ھاۋا بىلەن قۇياش نۇرىغا ئوخشاش قىممەتلىك بولۇپ، ئېرىشكەن ۋاقتىمىزدا سەزمەي قالىمىز، يوقىتىپ قويغان ۋاقتىمىزدا ياشىشىمىز قىيىن بولىدۇ. ئۆزئارا تىللاشساق، زەھەرلىك خەنجەر سانجىلغاندەك بولىدۇ؛ ئۆزئارا كۈلۈشۈپ ئۆتسەك، زىمىستاندىكى قۇياشتەك كۆڭلىمىز ئېرىيدۇ. ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ كونكرېت، ئەمەلىي، ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىدۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ مۇۋاپىق ئېھتىياجى ۋە قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىنى ئانالىز قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش ۋە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئادەم يۇقىرىغا ماڭىدۇ، سۇ تۆۋەنگە ئاقىدۇ، بۇ − تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، شۇنداقلا «يۈزلىنىش»؛ ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ، بۇمۇ «يۈزلىنىش». ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلساق، بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؛ ئەكسىچە ھەرىكەت قىلساق، قەدەم باسمىقىمىز قىيىنغا توختايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شياڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ يادروسى ـــ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت»، «تەرەققىيات − نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ ئومۇمىي ئۇسۇلى» دەپ كۆرسەتتى. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئويلىغانلىرىنى، ئارزۇسىنى ۋە جانىجان مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى كۆزگە كۆرۈنىدىغان، قولغا ئۇرۇنىدىغان مەنپەئەتكە ئىگە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ غوجايىنلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش؛ ھەر تۈرلۈك قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى ياخشى قوغداش، ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش؛ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئاممىسىغا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ غوجايىنى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىن باشقا كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چىرايى، ئوبرازى، كۆرۈنۈشى، ھېكايىسى قاتارلىق ئامىللارنى قوشۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئومۇمىيىتىدىن، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، دادىللىق بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈش؛ ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىش، ئۇلارنى ئوخشاش ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئونمىڭلىغان چىراغ يانغاندىن كۆڭۈلدىكى بىر چىراغ يانغان ياخشى؛ مىڭ ئېغىز گەپتىن بىر ياخشى ئىش قىلغان ياخشى. بىز ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش - بولماسلىقىنى، خۇشال بولۇش - بولماسلىقىنى، قوشۇلۇش - قوشۇلماسلىقىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاساسىي ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، بۇلارنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان سىياسەت، قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەردە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئېلىش، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى نەزەردە تۇتۇش، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئامما مېھىر - مۇھەببەتلىك بولىدۇ، ئامما ھەقىقىي كۆڭۈلگە ئىشىنىدۇ. «خەلقنى خۇش قىلساڭ، خەلقمۇ سېنى خۇش قىلىدۇ؛ خەلقنىڭ غېمىنى يېسەڭ، خەلقمۇ سېنىڭ غېمىڭنى يەيدۇ». خىزمىتىمىزنىڭ ماگنىت يىڭنىسىنى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ھېس قىلالايدىغان ماگنىت مەيدانىغا توغرىلىساق، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى چىن قەلبىدىن بىزنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ.
مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، قانۇن - تۈزۈملەشتۈرۈش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ـــ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى قىلدى. بۇ ھال بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكروغا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى ناھايىتى يۇقىرى پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش شەرتى ئاستىدا، مىكرو، ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ماكرو بىلەن مىكرونى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى ۋە رولىنىڭ ئورنىنى باشقىلار باسالمايدۇ، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىش، ئۇلارنى دادىللىق بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈپ ئىشقا قويۇش، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئارازلارنى تۈگىتىش، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى چىڭىتىش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، داغدۇغا بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۇغىرىش شەكلىدىكى ۋە ۋەز - نەسىھەت شەكلىدىكى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماي، ئامما ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆيۈمچانلىق، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىش جەھەتتىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى كۆپرەك سۆزلەش، ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك. جەمئىيەت ۋە مىللەت پىسخولوگىيەسى قائىدىسىنى تەتبىق قىلىپ، قائىدە ۋە ھەقىقىي ئەھۋال ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىغا قارىتىلغان پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئاخباراتنىڭ جامائەت پىكرى تارقىتىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتىمۇ جامائەت پىكرىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىش، مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى، ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكىلا تايىنىپ ئىشلەيدىغان ئاددىي شەكىلدىكى خىزمەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش يولىدا مېڭىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە سەپەرۋەر قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئاتلاندۇرۇش كېرەك.
قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، «ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش»نى پۇختا ئىگىلەيدىغان بولساقلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوقۇم مۇستەھكەم پولات ئىستىھكام قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قويۇق قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق بولغان مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ئارزۇسىنى، مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىدىغان تەرەققىيات ئارزۇسىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرالايمىز.
«جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»دىن تۇرۇپ بارات تەرجىمە قىلغان
تەرجىمانى مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى