دۆلەتـلىك مىللەتـلەر ئىشلىرى كومىتېـتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 9339   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-24 16:23:49

دۆلەتـلىك مىللەتـلەر ئىشلىرى كومىتېـتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

 


  3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېينىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنى ۋە 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 2 – يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ ۋە ئۆگىنىلىپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى توغرىسىدىكى پىكىرلەر تەتقىق قىلىندى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ــــ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بىرىنچى يىل، شۇنداقلا «12 – بەشيىللىق» پىلاننىڭ ئاچقۇچلۇق بىر يىلى. بۇ يىل «ئىككى يىغىن»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى يەنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش، «12 – بەشيىللىق» پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
  يىغىندا مۇنداق ھېسابلاندى: بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»نىڭ يىغىن ئىستىلىدا يەنىمۇ بۇرۇلۇش بولدى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ «ئاغزى ئوچۇق بولۇپ»، پىكىر – تەكلىپلەر قىزغىنلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ «ئېغىز ئاچماسلىق»قا، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىشكە ۋە ئىسراپچىلىققا خاتىمە بېرىلدى. يىغىن دوكلاتى يىغىنچاق، ئىخچام، ئەمەلىي، يېزىق ئىستىلى ساپ، ئاددىي – ساددا، كۆڭۈلگە ياقىدىغان ھەمدە ئاممىغا يېقىن بولدى. مەركەز رەھبەرلىرى سىياسىي بيۇرودىكى ھەربىر دائىمىي كومىتېت ئەزاسىنىڭ كۆپ ساندىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىشى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىشىغا يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى. يىغىن مۇنداق ھېسابلىدى: 2013 – يىلى، دۇنيا ئىقتىسادى ئاجىزلىقتىن جانلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىغا چۈشكەن بېسىم چوڭىيىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، زۇڭلى لى كېچياڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇناسىپ فاڭجېن – سىياسەتلەر ئارقىلىق تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن جەڭ ئېلان قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇستەھكەم ئىستىھكامغا جاسارەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرى ھەمدە ماكرولۇق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئاسانلىقچە ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى بايان قىلىپ، بىر يۈرۈش دوكلات ھەم قارارلارنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈستىدە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بولۇپمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم بايانلىرى زور نەزەرىيەۋى ھەم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.
  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەرقايسى ئورۇنلار «ئىككى يىغىن» روھىنى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى لازىم. «ئىككى يىغىن» روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆز ئالدىمىزدىكى بىر تۈرلۈك زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. ئىدىيە ۋە تونۇشىمىزنى مەركەزنىڭ سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسىتىمىز ھەم كۈچ – قۇۋۋىتىمىزنى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يىغىپ، ئاساسلىق زېھنىمىز ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىمىزنى نۇقتىلىق ھالدا مىللەتلەر خىزمىتىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشىمىز لازىم.
  

             ۋاڭ جېڭۋېي يىغىندا سۆز قىلماقتا


  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەر خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماستىن چىڭ تۇتۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدىشىمىز؛ باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان، ماسلىشىشچان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى مىللەتلەر مەسىلىسى ئەمەس، دىن مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى دۆلەت قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋەھشىيانە قىلمىش. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ ئۆزى بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئۆزى بالايىئاپەت دېگەن سۆز پۈتۈن مەملىكەتتىكى 56 مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئاساسىدىكى پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەقدىرلەش ۋە تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنى كەڭ كۆلەملىك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «تۆت تونۇش»نى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولغان دەرىجىدە ياخشىلاپ ۋە مەنپەئەتكە ئىگە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراقلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش ئىشلىرى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەت ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان زىددىيەت، تالاش – تارتىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىمىز، بۇ خىزمەتنى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز، سىردىشىش ھەم قەلب تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت مىللەتلەر خىزمىتى ئىدىيەسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇشىمىز؛ قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، قائىدە – تۈزۈم ئالدىدا ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانداق مەسىلە مەۋجۇت بولسا ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز، مەلۇم مىللەت، مەلۇم رايوندىكى خەلق ئاممىسىنى كەمسىتىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، تەرەققىياتتىن ھالقىپ كېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەرقايسى ئورۇنلار بالدۇرراق تۇتۇش قىلىش ھەم ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوبدان ئىشلىشى لازىم. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈم سۈپىتىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردىن كەسىپ يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ بايلىق خاراكتېرلىك كەسىپلىرىدە ھەددىدىن زىيادە بېقىندى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشىغا ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يار – يۆلەك بولۇش، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىمىز ھەم تېزلىتىشىمىز لازىم.
  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر خىزمىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز لازىم. پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە «ئىككى يىغىن» روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئاڭلىق مۇلاھىزە قىلىپ ھەم پىلانلاپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە توغرا يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن تەۋرەنمەسلىكىمىز لازىم. ئورتاق تونۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىشلەپ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، مىللەتلەر نەزەرىيەسى، مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى تۈزۈلمىسى ھەم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتىدارىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشىمىز لازىم. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئىككى ئارىدا ھەرىكەت قىلىدىغان تارماقلارنىڭ خىزمىتىنى ئاكتىپ جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز ۋە پىكىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئەزالىق تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىز، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىشىمىز لازىم.
  يىغىندا يەنە، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كېلەركى بىر مەزگىللىك مۇھىم خىزمەتلىرى ئۈستىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزالىرى، ئورگان قارىمىقىدىكى ھەرقايسى تارماقلاردىكى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق بېيجىڭدىكى ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
  
                                    تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى