ۋاڭ جېڭۋېي 11 - ئەۋلاد بەنچەن بىلەن كۆرۈشتى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 5307   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-16 16:08:11


ۋاڭ جېڭۋېي 11 - ئەۋلاد بەنچەن بىلەن كۆرۈشتى

 

  2014 - يىلى 1 – مارت، زاڭزۇ كالېندارى بويىچە يېڭى يىل ــــ ئات يىلى كېلىش ئالدىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي بېيجىڭدا بەنچەن ئېردېنى چۆجى جيېبۇ بىلەن كۆرۈشتى.
  ۋاڭ جېڭۋېي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن 11 - ئەۋلاد بەنچەن ئۇستازنىڭ زاڭزۇ كالېندارى بويىچە يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دېدى: 11 - ئەۋلاد بەنچەن ئۇستاز زاڭزۇلار رايونىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ 2009 - يىلى چوڭ پەرھىزنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان، ئىلگىرىكى بەنچەنلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈپ، ۋەتەننى قوغداپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال قوغداپ، زاڭزۇلار رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. 11 - ئەۋلاد بەنچەن ئۇستازنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللىشىنى، زاڭزۇلار رايونىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى توغرىسىدا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا كۆپرەك پىكىر - تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  11 - ئەۋلاد بەنچەن ئۇستاز ۋاڭ جېڭۋېينىڭ ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، پارتىيە، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغانلىقىنى، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش، ۋەتەننى قوغداش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىق، ئىلگىرىلەش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، زاڭزۇلار رايونىنىڭ ھالقىشلىق تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، زاڭزۇلار رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

                        پولات ئېزىز تەرجىمىسى