دەنجۇ ئاڭبېن گۇرۇپپا باشلاپ، نىڭشيا، چىڭخەيلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى
دەنجۇ ئاڭبېن گۇرۇپپا باشلاپ، نىڭشيا، چىڭخەيلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن گۇرۇپپا باشلاپ، 17 - فېۋرالدىن 27 - فېۋرالغىچە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇڭ شەھىرى تۇڭشىن ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى مۇزېي، كۇتۇپخانا، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەدەنىيەت پائالىيىتى مەركىزى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى، يېزا - بازارلىق ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆي، ئىبادەتخانا كۇتۇپخانىسى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، كەنت شىپاخانىسى، مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى، مىللەتلەر سەنئەت ئۆمىكى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى توققۇز كۈندە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىدە ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق)، شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك تەشۋىقات، مىللەت - دىن، مەدەنىيەت، رادىيو – تېلېۋىزىيە - كىنو، ئاخبارات - نەشرىيات، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھەمدە پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق 10 نەچچە تارماق بىلەن 12 قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە كەسپىي مائارىپ، «قوش تىل»لىق مائارىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ۋە مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشتى. ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بىلەن ئۆز ئۆلكىسى (ئاپتونوم رايونى) نىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى بىرلىكتە تەھلىل قىلدى. چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ، ئۆلكە باشلىقى خاۋ پېڭلار دەنجۇ ئاڭبېن بىلەن مەخسۇس پىكىر ئالماشتۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت - تەشۋىقات مەھكىمىسى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا مەھكىمىسى، كادىرلار مەھكىمىسى بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو – كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمىلىرىدىكى خادىملاردىن تەشكىللەندى.
پولات ئېزىز تەرجىمىسى