شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى قەدىرلىشىنى تەكىتلىدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 5328   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-16 15:53:49

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى قەدىرلىشىنى تەكىتلىدى

 

 

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە بىرلىكتە قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)  
  


  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە بىرلىكتە قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)  
  
  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 4 - مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى قەدىرلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرۇشى، ھەر مىللەت ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مىللەتلەر خىزمىتى ئومۇمىيەتكە چېتىلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەسلىك يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك توغرا سىياسىي يۆنىلىش. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇشىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت - سائادەت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ــــ بالايىئاپەت. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى قەدىرلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرۇشى، ھەر مىللەت ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
  شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈمىد قىلدى.
  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە بىرلىكتە قاتناشتى.

                                     پولات ئېزىز تەرجىمىسى