مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىنىڭ ئۇچۇر خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە 7- قارارلىق كۇرسى مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنىستىتۇتىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 8379   يوللانغان ۋاقتى: 2013-11-06 08:38:57

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىنىڭ ئۇچۇر خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە 7- قارارلىق كۇرسى مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنىستىتۇتىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى


  2013 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى  مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىنىڭ ئۇچۇر خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە 7 – قارارلىق كۇرسى مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇش باشلاندى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جامائەت پىكرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ جېمىن، مەركىزى مىللەتلەر كادىرلار ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شېڭيوڭ كۇرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
  جاۋ جېمىن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىنىڭ ئۇچۇر خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈش مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئۇچۇر خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سېستىمىسىدىكى ئۇچۇر خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىقتىدارنى ۋە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.

 

 

دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جامائەت پىكرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ جېمىن سۆز قىلماقتا


    بۇ قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا مەركىزى كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى، شىنخۇا تورى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى جامائەت پىكىرىنى كۈزىتىش ۋە ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۇچۇر تەشكىللەش ۋە يوللاش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ ھەمدە «مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ ئۇچۇر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش» تېمىسىدا مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
  بۇ قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلىك مىللەتلەر (دىن) ئىشلىرى كومىتېتى (نازارىتى، ئىدارىسى)، بىۋاسىتە ئۇچۇر يوللاش نۇقتىلىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 114 نەپەر كىشى قاتناشتى.