لو لىمىڭ گۇرۇپپا باشلاپ، گەنسۇ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
لو لىمىڭ گۇرۇپپا باشلاپ، گەنسۇ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ گۇرۇپپا باشلاپ، گەنسۇ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ گۇرۇپپا باشلاپ 26 - فېۋرالدىن 1 - مارتقىچە گەنسۇ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا لىنشيا شەھىرى، لىنشيا ناھىيەسى ۋە دۇڭشياڭ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى مىللىي ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يېزىلىق دوختۇرخانىلار، گەنسۇ لىنشيا مۇسۇلمانچە كەسىپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەنتلەر ۋە نامرات يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇردى. گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لو شياۋخۇ ئىقتىسادقا دائىر ئاساسلىق تارماقلار قاتناشقان دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى؛ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكىلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رەن ۋەنشياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىقتىسادقا ئالاقىدار تارماقلار، مىللەتلەر خىزمەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىس - ئالىملار قاتناشقان سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مىللەت - دىن كومىتېتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى، گوۋۇيۈەننىڭ يۆلەش - ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىبارەت 21 تارماقتىكى خادىملاردىن تەشكىللەندى.
پولات ئېزىز تەرجىمىسى