ۋاڭ جېڭۋېي شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جاۋ ئەپەندى...

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1791   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-16 15:44:49

ۋاڭ جېڭۋېي شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جاۋ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

ۋاڭ جېڭۋېي شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جاۋ ئەپەندى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى

 

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي 11 - مارت بېيجىڭدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، شياڭگاڭ جۇڭخۇا سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جاۋ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
  ۋاڭ جېڭۋېي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ياڭ جاۋ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارىشى ئالىدىغانلىقىنى، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ، بولۇپمۇ نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھى «11 - بەش يىل»دىن باشلاپ دۆلەتنىڭ نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرنى يۆلەش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پائال ياردەم بەردى. 2006 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك كۆچمەنلەر ئەمىن ئۆيى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ياردەم بەرگەندىن باشلاپ، ھازىرغىچە بولغان يەتتە يىلدا شىنجاڭ، يۈننەن، گۇيجۇلاردىكى نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا 7 مىليون 690 مىڭ يۈەن ياردەم قىلىپ، ئۆي، مەكتەپ، دوختۇرخانا، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق 13 تۈرنى قوللىدى، يەرلىكنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكىلىك قىلدى. شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھى نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پائال مەبلەغ چىقىرىپ، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان رايونلاردىكى كادىرلارنى شياڭگاڭدا تەربىيەلىنىشكە تەشكىللىدى بۇلتۇر ئاپرېلدىن بۇ يىل فېۋرالغىچە ئۈچ قارار كۇرس ئېچىپ، 75 كادىرنى سىستېمىلىق تەربىيەلىدى. بۇ كادىرلار ئۆز جايىغا جەمئىيەت باشقۇرۇشتىكى ئىلغار تەجرىبە ۋە ئىدىيەلەرنى ئېلىپ كەلدى. ياڭ جاۋ ئەپەندىنىڭ بۇ ئىشلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە ياخشى رول ئوينىدى، جەمئىيەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنى قوللىشىدا ئۈلگە بولدى، جەمئىيەتنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا تۈرتكىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 

ۋاڭ جېڭۋېي شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جاۋ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

 

  ياڭ جاۋ ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەردىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا ساغلاملىق تېز پويىزى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خۇاڭ جىۋېن خانىم، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى ياڭ جىخۇڭ خانىم، شياڭگاڭ جۇڭخۇا بۇددا دىنى مەدەنىيىتى يۇرتىنىڭ باش ئەمەلدارى پۇ خۇييەن خانىم، شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن مەمۇرىي باش نازارەتچىسى جاڭ جيۇجىن ئەپەندىلەر بار ئىدى. ئۇلار ئۆز ساھەسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىڭزې، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۆ چاڭخۇڭ، خەلقئارا ئالاقە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فېڭ لەنلەر كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

                                                                               پولات ئېزىز  تەرجىمىسى