ۋاڭ جېڭۋېي مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 921   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-16 15:35:28

ۋاڭ جېڭۋېي مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى

 

ۋاڭ جېڭۋېي تەرجىمە مۇتەخەسسىسلىرىدىن ھال سورىدى

 

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جېڭۋېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 11 - مارت كەچتە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ، بارلىق خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇ يوقلاشتا بىللە بولدى.
  ۋاڭ جېڭۋېي جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تۆھپىسىگە ۋە جاپالىق ئەمگىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
  ۋاڭ جېڭۋېي مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان چوڭ ئىش. ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، ئەزالىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشى ۋە ئىگىلىشىدە «ئىككى يىغىن»نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ. «ئىككى يىغىن» ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە گۇرۇپپىسى كۆپ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» نىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئۇ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئومۇمىيەتنى كۆزلەيدىغان، مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغان، تەجرىبىسى مول، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، ساپاسى يۇقىرى قوشۇن.

 

ۋاڭ جېڭۋېي تەرجىمانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا

 

  ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بولىدۇ ئىدارە رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بەنزە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۈلگە بولۇشىنى، ھەر تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىشىنى، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشىنى، ئاساسنى پۇختا سېلىشىنى، قوشۇننى ياخشى يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى ئېنىق تونۇپ، ھازىرقى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى، بولۇپمۇ ئەگەشمە تەرجىمە ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ۋاڭ جېڭۋېي تەرجىمە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

 

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە ئىدارىسى تەشكىللىگەن «ئىككى يىغىن»نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە گۇرۇپپىسى 12 مىللەتتىن بولغان 195 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يىغىن ھۆججەتلىرىنى موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەنزۇ، يىزۇ، جۇاڭزۇدىن ئىبارەت يەتتە مىللەت تىل  -يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش، بېسىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغانىكەن؛ ئومۇمىي يىغىندا بۇ يەتتە تىلدا ئەگەشمە تەرجىمە قىلىدىكەن؛ يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركىزى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئالاقىدار گېزىتخانا، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنى يىغىننىڭ ئاساسلىق ھۆججەتلىرىنىڭ تەرجىمىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقى تەرجىمە گۇرۇپپىسى 21 - فېۋرالدىن باشلاپ يىغىننىڭ تەرجىمە خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يىغىندا زۆرۈر بولغان مۇھىم ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىپ بېسىپ چىققان ھەمدە 10 قېتىملىق يىغىندا ئەگەشمە تەرجىمە خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان.

                                  پولات ئېزىز  تەرجىمىسى