ۋاڭ جېڭۋېي يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات ئاڭلىدى
ۋاڭ جېڭۋېي يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات ئاڭلىدى
2 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي بىلەن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇ جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى، يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ ئەنشۈنلەرنىڭ يەنبيەن ئوبلاستىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمەتلىرىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەنبيەن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى مەملىكىتىمىزدىكى ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنبيەن ئوبلاستى «ئىقتىسادنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالاھىدە ياخشىلاش، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل يەنبيەننىڭ كاتتا سەھىپىسىنى يېزىش، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى چوڭ ئېچىۋېتىشنىڭ ئەندىزەسىنى شەكىللەندۈرۈش»نى چۆرىدەپ، ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، شەھەر قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدىمۇ ئۈزۈكسىز ئۆسۈش بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۆزىگە خاس فۇنكسىيەگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنبيەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ياردەم ۋە يار – يۆلەكتە بولىدۇ.
سۈرەتتە: ۋاڭ جېڭۋېي دوكلاتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى.
ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەنبيەن ئوبلاستى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، يەنبيەن ئوبلاستىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىزچىل تۈردە خۇددى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمىز» دەيدىغان شوئارى بار. بۇ يەردىكى ھەر نۆۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانات يايدۇرۇش ھەرىكىتىگە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئالدىنقى ۋەزىپىلەر قاتارىدا چىڭ تۇتتى. يەنبيەن ئوبلاستى ئۇدا تۆت قېتىم «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، يەنبيەن ئوبلاستىنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۈرەتتە: جاڭ ئەنشۈن يەنبيەن چاۋشيەن ئاپـتونـوم ئوبـلاستىـنىڭ مىلـلەتـلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردىن دوكلات بەرمەكتە.
چېن گەيخۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەنبيەن ئوبلاستى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش جەھەتلەردە ئىنتايىن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى. يەنبيەن ئوبلاستىنىڭ خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ كۆپلىگەن تەجرىبىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۈلگىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دوكلات ئاڭلاشتا، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، سىياسەت، قانۇن – تۈزۈم مەھكىمىسى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەھكىمىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەھكىمىسى، مەدەنىيەت – تەشۋىقات مەھكىمىسى، مائارىپ، پەن – تېخنىكا مەھكىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار بىللە بولدى.
تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى