ۋاڭ جېڭۋېي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1286   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-04 09:33:25

ۋاڭ جېڭۋېي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى

     ۋاڭ جېڭۋېي ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلغار ئەنئەنىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى قېتىرقىنىپ ياخشى ئىشلەپ، «ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون» دېگەن ئېسىل نامنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرايلى

سۈرەتتە: ۋاڭ جېڭۋېي دارخان مومىڭگەن خوشۇنىدا شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەن چارۋىچى ئاممىنى يوقلىماقتا.

      مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي 2 – ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرى ۋە ئورتاق يۈكسىلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغان چاغدىكى مۇھىم نۇتقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغار ئەنئەنىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى قېتىرقىنىپ ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزۈكسىز تەتقىق قىلىپ ۋە يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون» دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

     تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ۋاڭ جېڭۋېي ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ كۆكخوت، باۋتۇ قاتارلىق جايلاردىكى زاۋۇت، كارخانا، مەھەللە، مەكتەپلەرگە بېرىپ، نەق مەيداندا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدى؛ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، باۋتۇ شەھىرىدىكى پارتىيە – ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى پېشقەدەم خىزمەتچىلەر، مۇتەخەسسىس – ئالىملار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مىللەتلەر خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتلارنى ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

سۈرەتتە: ۋاڭ جېڭۋېي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى پارتىيە – ھۆكۈمەت رەھـبەرلىـرى ۋە مۇناسىـۋەتلىك تارمـاقـلاردىكى مەسـئۇل يولـداشـلار، مىلـلەتلەر خىزمىتىدىكى پېشقەدەم خىزمەتچىلەر، ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچىلەر، مۇتەخەسسىس – ئالىملارنىڭ سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىمەكتە.

     ئىچكى موڭغۇل ــــ مەملىكىتىمىزدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردىكى ئاپتونوم رايون بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. يولداش ۋاڭ جېڭۋېي «ئىلى گۇرۇھى»، «مېڭنيۇ گۇرۇھى»، «باۋگاڭ گۇرۇھى» قاتارلىق ئورۇنلاردا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە بۇ كارخانىلارنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ، ئىچكى موڭغۇل خەلقئارا موڭغۇل تېبابىتى دوختۇرخانىسىدا دوختۇرلار ۋە ئاغرىقلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى ۋە موڭغۇل تېبابەتچىلىكىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ بىرىكىشىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى قۇۋۋەتلىدى. يولداش ۋاڭ جېڭۋېي كۆكخوت مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ۋە دارخان مومىڭگەن خوشۇنلۇق موڭغۇل بالىلار باغچىسىغا بارغاندا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ موڭغۇل تىل – يېزىقى ئاساس قىلىنغان مىللىي مائارىپىنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بولغان بىرقەدەر مۇكەممەل مائارىپ تۈزۈلمىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكتىن پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتى جاڭجېنى ھەمدە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى، مىللىي مائارىپ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنى ئۈمىد قىلدى.

سۈرەتتە: ۋاڭ جېڭۋېي مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ـــــ باۋگاڭ گۇرۇھىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا.

     ئىچكى موڭغۇلنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاساسى چوڭقۇر ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت جەريانىدا ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىدىكى توسۇقنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. يولداش ۋاڭ جېڭۋېي دارخان مومىڭگەن خوشۇنى بەيلىڭمياۋ بازارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالى ۋە بەيلىڭمياۋ كوچىسىنىڭ مەھەللە مۇلازىمەت پونكىتىغا بارغاندا، «چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى»نىڭ سالماق قەدەملەر بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق، چىقىشىپ ياشاۋاتقانلىقى، مەھەللە مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ ئاممىغا ئۆز ۋاقتىدا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولدى ھەمدە مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ھەم سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ئۇ يەنە دارخان مومىڭگەن خوشۇنىنىڭ دۇلانگېر ئولتۇراق رايونىدا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چارۋا بېقىشنى چەكلەش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇش بىلەن شەھەرگە كۆچۈپ كىرگەن چارۋىچى ئاممىنى يوقلىدى؛ ئۇ، باۋتۇ شەھىرىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ بېيلياڭدىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدىن دوكلات ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش، ئاممىنىڭ مۈشكۈل ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردە غەمدىن خالاس قىلىش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

سۈرەتتە: ۋاڭ جېڭۋېي دارخان مومىڭگەن خوشۇنى بەيلىڭمياۋ بازارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرمەكتە.

     ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىياتىنى ھەمدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىلگىرى جۇ ئېنلەي زۇڭلى: «ئىچكى موڭغۇل ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايوندۇر» دېگەن ئىدى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، «ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون» دېگەن بۇ ئېسىل نامنى يوقىتىپ قويماستىن، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشىمىز لازىم. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇش ئاساسىغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان سەككىز ئۆلكە ۋە رايون ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك، يادرولۇق ئاپتونوم رايون بولۇشتا ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىلغار ئەنئەنىلەرنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسىغا ئايلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇشنىڭ نىشانى قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزۈكسىز قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى داۋاملىق توپلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ماس قەدەمدە ھەمكارلىشىدىغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «جۇڭگو ئارزۇسى» ئىدىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىدىكى يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشىمىز لازىم.

     ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرگەن چاغدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ «مىللەتلەر خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش» توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئومۇمىيلىق ستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، دەڭسەپ ئىش قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلىشىمىز لازىم. سەمىمىي، ئىچ قويۇن – تاش قويۇن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان قىلىپ ئىشلىشىمىز لازىم. ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە بولۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى نازۇكلاشتۇرۇش سەۋىيەمىزنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كىچىك ئىشلار، نازۇك مەسىلىلەردىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەپ، خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز لازىم.

سۈرەتتە: ۋاڭ جېڭۋېي دارخان مومىڭگەن خوشۇنلۇق موڭغۇل بالىلار باغچىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا

     تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ۋاڭ جېڭۋېي ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جۈن، باتېر، رېن ياپېڭ قاتارلىق يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ يەنە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى كادىرلار ۋە خىزمەتچىلەرنى مەخسۇس يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ھەيئىتى ۋۇ شىمىن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنيۆ، شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، سىياسىي قانۇن كومىتېتى، كادىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسى، تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىللە بولدى.

                                                                             تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى