دۆلـەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېـتىدا مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى چاقىرغان بىرىنچى قېتىملىق
دۆلـەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېـتىدا مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى چاقىرغان بىرىنچى قېتىملىق يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلدى
2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللانغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى رەسمىي قۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىنى چاقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تۈزۈمى، تەپسىلىي قائىدە ۋە مۇھىم ئىش تەرتىپلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى لايىھەسىنى ماقۇللىدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەشكىللىنىپ، خىزمەتلەرنى تېزلىكتە قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرىلىتىشتىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئەتراپلىق كۆزىتىلگەن ھەمدە ئومۇمىيەت تولۇق ئىگىلەنگەن بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەت يۆنىلىشلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، مەركەزنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانلىرىدا ھەقىقىي تۈردە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىيات، يېـڭى ۋەزىيەت يارىتىـشقا ھەقىـقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيەمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتقا بولغان پۇرسەت، مەسئۇلىيەت ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇش سىياسىي جاسارىتىمىزنى ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر پۈتۈن تەلىپىنى يەنىمۇ پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكەر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتقا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەر ۋە تەرەققىيات سۈرئىتىنى بەلگىلەپ، ئۇلىنىش – تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەمكارلىقنى ماسلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈملۈك ھەم نەتىجىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز لازىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىن ئىبارەت بۇ چوڭ يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدىن ئېغىشماي ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى، سىياسىتى تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات جەريانىدا، مىللەتلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، مىللەتلەر ئىشلىرى ساھەسى ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنى ۋە كېڭىيىشىنى ئوبدان ئىگىلىشىمىز لازىم.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىز ھەم سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىسلاھات ھەممە تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، باشقا ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەش ـــ باشقىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ياردەمچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ـــ باشقىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ھەمدە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق ھەرقايسى ئىدارە – ئورگانلار مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى تەشەببۇسكارلىقىمىز ھەم ئاڭلىقلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ «سىستېمىلاشقان پىلانى»نىڭ ياخشى ئىشلىنىشىنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى ياخشى قىلىشىمىز، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ مېخانىزمىنى ئورنىتىشىمىز ھەمدە خىزمەتلەرنى ئاكتىپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەركەز ئېنىق بەلگىلىگەن ئىسلاھاتنىڭ كونكرېت ئىش تەرتىپلىرىدىكى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئۈستىدە يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەقىقىي لايىھەنى ئىمكانقەدەر تېزلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئىبارەت مەنىۋى كۈچ بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا قاراپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا چاقىرىلغان دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھەيئەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتلىرى مۇدىرلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا قاراپ، يىللىق ۋەزىپىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم.
تۇرغۇن يىلتىز تەرجىمىسى